2009.05.20
چارشەنبە كۈنكى يىغىندا يەنە، ئۇيغۇر ئىلى ۋەزىيىتىنىڭ يېقىنقى تەرەققىياتى شۇنداقلا گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەزكۈر يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنى دۇنيادىكى 20 نەچچە دۆلەتتىن 100 گە يېقىن ئۇيغۇر ۋەكىلى ۋاشىنگتونغا توپلىنىپ، ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ كېلەچىكى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزگىلدە چاقىرىلدى.
يىغىندا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مەسئۇل خادىملىرىدىن كارا ئابرامسون، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇتەخەسسىسى ستەيسى سۇللىۋان قاتارلىق كىشىلەر دوكلات بەردى. يىغىن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئىشخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا شۇ يەرنىڭ ۋاقتى بىلەن سائەت 4:00 دىن 6:00 گىچە داۋام قىلدى.