2009.05.18
رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ زىممىسىدىكى يۈكنىڭ ئېغىرلىقى، بۇرچ تۇيغۇسىنىڭ يۈكسەك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
يىغىندا يەنە، خەلقئارا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى مارىنو بۇسداچىن، ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كارل گېرشمان، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تام لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ دىرېكتورى خانس خوگرېفې قاتارلىقلار سۆزگە چىقتى ۋە ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ خەلقئارا سىياسەتتىكى ئورنى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش چارىلىرى ئۈستىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يېغىن كۈنتەرتىپى بويىچە، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىكى كوزىر قىلغانلىقى، دىنىي ئېيتقاد ئەركىنلىكى ۋە خىتاي ئاساسىي قانۇنىدىكى قۇرۇق ۋەدىلەر ۋە خىتايلارنىڭ كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى تۈپەيلى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي رىقابەت ۋە تەھدىتلەر دوكلات، سوئال – جاۋاب، مۇھاكىمە ۋە مۇزاكىرە شەكلىدە، شۇ كۈنى كەچقۇرۇن سائەت تۆتكىچە داۋام قىلدى.
يىغىندا يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلار ئىجرائىيە كومىتېتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمئىيىتى كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلدى.