2009.05.12
باياناتتا كۈرسىتىلىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يەنە، ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى چاقىرىلىشتىن ئىلگىرى يەنى 18 – ۋە 19 – ماي كۈنلىرى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى بىلەن ھەمكارلىشىپ » كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلمەتلىك 60 يىلى» تېمىسىدا خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇرىدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك بىرلەشمە قۇرۇلتىيى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئېچىلىپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئۇيغۇر مىللىي بىرلىكىنىڭ، باراۋەرلىك ھەم ئىتتىپاقلىقىنىڭ سىمۋولى شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ دۇنيادىكى ۋەكىللىك ئورگىنى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى دېگەندەك شەرەپلەر بېرىلگەن ئىدى.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دېموكراتىك پرىنسىپقا تايانغان ھالدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ھەم ئىنسانىي ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا خەلقئارا مىقياسىدا كەڭ پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.
بۇ نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى پائالىيەت پىلانلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، قۇرۇلتاينىڭ رەھبەرلىك ھەيئىتى دېموكراتىك ئۇسۇلدا قايتا سايلاپ چىقىلىدىكەن شۇنداقلا قۇرۇلتاي قارمىقىدىكى ئورگانلارغا قارىتا تەرتىپكە سېلىش، تولۇقلاش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.