ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى باش تېما قىلىنغان » ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال» ناملىق كىتابنىڭ ئىنگلىز تىلىدا نەشىر قىلىنىشى بىلەن غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يەنە بىر قېتىم مەركەزلەشكەن بولدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.05.12
Rabiye-qadir-RFA-305ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ RFA ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﻟﯘﻣﯩﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ھالبۇكى بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالىلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەرمۇ ھەر خىل. رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر خانىم، يېقىندا غەرب مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان بەزى ماقالىلەر ھەققىدە توختالدى ۋە ئۆزى باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ ئاداققى نىشانى بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

رابىيە قادىر خانىم يەنە، يېقىندا ئامېرىكىدا ئېچىلىدىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 3 – نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ھەققىدىمۇ قىسقىچە توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، رابىيە قادىر خانىم بىلەن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.