ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى پائالىيىتى باش تېما قىلىنغان » ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال » ناملىق كىتابنىڭ ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلىنىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر خانىم، پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ مەزكۇر كىتاب ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تونۇپ يېتىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.05.11
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر خانىم، ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان زۇلۇمنىڭ غەرب ئەللىرىگە دېگىدەك تونۇشلۇق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە «ئۇرۇش مەيدانىدا 10 ئادەم قازا قىلغان بولسا، كىشىلەر دەرھال بىلىپ يېتىدۇ ۋە ئىچ ئاغرىتىشىدۇ. ئەمما بىزگە نىسبەتەن ئەھۋال باشقىچە. خىتاي مۇستەبىت ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقىنى 60 يىلدىن بۇيان سىستېمىلىق ھالدا ۋەيران قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ. خەلقئارا بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى ئوبدان بىلمەيدۇ،» دېگەن.

«ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال» ناملىق كىتاب، رابىيە قادىر خانىم ۋە گېرمان يازغۇچىسى ئالىكزادىرا كاۋېلىئۇس ئاپتورلۇقىدا 2007 – يىلى گېرمانىيىدە نەشر قىلىنغان » كۆكنى تىترەتكەن ئايال» ناملىق كىتابنىڭ ئىنگلىز تىلىدىكى نۇسخىسى بولۇپ، بۇ نۆۋەت ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە باشقا ئىنگلىز تىلى قوللىنىدىغان دۆلەتلەرگە بىردەك تارقىتىلدى.

خەۋەردە رابىيە خانىمنىڭ كىتابىدىكى تۆۋەندىكى جۈملىلەر نەقىل ئېلىنغان: » مەن خىتاي خەلقىگە قارشى كۈرەش قىلغىنىم يوق. ئەكسىچە مەن، نۇرغۇنلىغان خىتاي خەلقىگە ئوخشاشلا، دېموكراتىيە ئاساسىغا قۇرۇلغان ھۆكۈمەت ۋە چەكسىز كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمەن.»

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، رابىيە قادىر خانىم مەزكۇر كىتابىنىڭ خىتاي تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتايدىن ئايرىلىش ئالدىدا بىر نەپەر خىتاي ھۆكۈمىتى خادىمىنىڭ ئۇنى چەتئەلدە ياشاش جەرياندا خىتاي خەلقىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتلەردە بولماسلىققا قەسەم قىلدۇرغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ ۋەدىسىدە تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

22 – ئاپرېل، «ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال» ناملىق كىتابنىڭ ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن، «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» دىمۇ چوڭ ھەجىملىك تونۇشتۇرۇش ماقالىسى بېسىلغان ئىدى.