تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىگە مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرلىقىغا يېڭى تەيىنلەنگەن فارۇق چېلىك ئەپەندى د ئۇ ق ھەيئىتىنى مىنىستىرلىق بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى. ئۇ تۈركىيە مىنىستىرلار كابىنېتىغا يېڭى كىرگەن مىنىستىرلاردىن بىرى بولۇپ، تۈركىي مىللەتلەرگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان كىشىلەردىن بىرىدۇر.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.05.07
Minister-Faruq-Chelik-305ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻓﺎﺭﯗﻕ ﭼﯧﻠﯩﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺳﯧﻴﯩﺖ ﺗﯜﻣﺘﯜﺭﻙ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﯞﻩ ﺧﻪﻳﺮﯗﻟﻼﻫ ﺋﻪﻓﻪﻧﺪﯨﮕﯩﻞ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ.
بۇ كىشىنىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى بولۇشى تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈردى. ئۇنىڭ مىنىستىر بولغانلىقىغا بىر ھەپتە بولماستىن د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئۇنىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل مىنىستىر بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى ۋە سوۋغات بويۇملىرىنى تەقدىم قىلدى.

د ئۇ ق ھەيئىتى ئۇنىڭغا يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشلىقى ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭمۇ سالىمىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈركىيىگە كېلەلمەسلىكىنىڭ ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش ئىكەنلىكىنى، ئۆزى دۆلەت مىنىستىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈركىيىگە كېلىشىگە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

د ئۇ ق باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى يەنە مىنىستىرغا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە تۈركىيىدىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى تەلەپلىرىنى يەتكۈزدى. دۆلەت مىنىستىرى فارۇق چېلىك ئەپەندى بۇلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغىمۇ ئىگە چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.