يېقىندا ئىسپانىيە دۆلەت سوتىنىڭ، » شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم » نىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت گۇماندارى سۈپىتىدە سوتقا چاقىرغانلىقى، چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل تەشكىلاتلىرى شۇنداقلا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرىنى ئالاھىدە مەمنۇن قىلىش بىلەن بىرگە، ھەر قايسى ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ۋاڭ لېچۇەننىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرى ھەققىدە قايتىدىن بەس – مۇنازىرە قوزغىلىشىغا سەۋەبچى بولدى.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﭘﻪﺭﻫﺎﺕ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﯩﺪﻯ
2009.05.07
Wang-lechuan-305ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سابىق سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاڭ لېچۇەنگە بولغان ئۆچمەنلىكى كۈچىيىپ بارماقتا

تېخى يېقىندىلا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ياۋروپاغا قىلغان زىيارىتى جەريانىدا، ئەگەر خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى راستىنلا شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي زىددىيەت، توقۇنۇش ۋە ئىختىلاپلارنى پەسەيتىشنى خالىسا، ئالدى بىلەن، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە » مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» نى ئېغىر دەرىجىدە ئاياق – ئاستى قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە قارىتا ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا ئىرقىي تازىلاش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقنىڭ مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ھەرىكىتىگە باشلامچىلىق قىلىۋاتقان، يەرلىك خەلققە قارىتا رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇش، قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىگە قوماندانلىق قىلىۋاتقان ۋاڭ لېچۇەننى دەرھال ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن خىتاي ئالىي سوتىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىدى.

ئەمەلىيەتتە بولسا رابىيە خانىمنىڭ يۇقىرىقى تەلىپى، پەقەت چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تەلىپى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ۋەتەن ئىچىدىكى يەرلىك خەلقنىڭمۇ ئورتاق ئارزۇسى ئىدى. چۈنكى ، ۋاڭ لېچۇەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى بولغان 14 يىلدىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقنىڭ ئۇنىڭغا بولغان نارازىلىقى ۋە ئۆچمەنلىكى شۇنچە كۈچىيىپ بارماقتا.

خەلق ۋاڭ لېچۇەننى » ۋاڭ شىسەي » دەپ ئاتاپ كەلمەكتە

نۆۋەتتە ۋەتەن ئىچىدىكى تور بەتلىرىدىمۇ، ۋاڭ لېچۇەننىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىلمىش – ئەتمىشلىرى ئاشكارا ھالدا تەنقىدلەنگەن بەس – مۇنازىرىلەر كۆپىيىپ بارماقتا. ۋەتەندىن كەلگەن بەزى ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە ھازىر، 1949 – يىلىدىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش سېكرىتارى بولغانلارنىڭ ئىچىدە، ۋاڭ ئىنماۋ بىلەن ۋاڭ لېچۇەن يەرلىك خەلقنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نەپرىتى ۋە قاغىشىغا ئۇچرىغان ئىككى شەخىس بولۇپ، ۋاڭ لېچۇەننىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىرقىي جەھەتتە تازىلاش ۋە ئاسسىمىلياتسىىيە قىلىش جەھەتتە قوشقان تۆھپىسى ۋاڭ ئىنماۋنىڭكىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ، شۇڭا يەرلىك خەلق ۋاڭ لېچۇەننى تارىختا ئۆتكەن قانخور مىلىتارىست شىڭ شىسەيگە تەقلىت قىلىپ، » ۋاڭ شىسەي » دەپ ئاتاپ كەلمەكتە.

ۋاڭ لېچۇەن ھازىر خەلقئارادىمۇ نامى چىققان » مەشھۇر شەخىس » لەرنىڭ بىرى بولۇپ، كېيىنكى 10 يىلدىن بۇيان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە باشقا تۈرلۈك كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان دوكلات، ئاخباراتلاردا ، » ۋاڭ لېچۇەن » دېگەن بۇ ئىسىم ئىزچىل تۈردە يەر ئېلىپ كەلمەكتە ۋە ئۇنىڭ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ يىلدىن – يىلغا ناچارلاپ بېرىشىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى، دىنىي ۋە مەدەنى ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىشىدا باش رولنى ئويناپ كىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەپ كېلىنمەكتە.

ۋاڭ لېچۇەن خەلقئارا سوت مەھكىمىسىنىڭ جازالاش شەرتلىرىگە ئاللىقاچان توشتى

ئىنسانلارنىڭ مەشھۇر بولۇشىنىڭ ئىككىلا يولى بار، بىرى ياخشى تەرەپتىن، يەنە بىرى بولسا يامان تەرەپتىن. ۋاڭ لېچۇەن بولسا دەل سەلبىي جەھەتتىن داڭ چىقارغان » مەشھۇر شەخىس » لەرنىڭ بىرىدىن ئىبارەت. كېيىنكى بىر – ئىككى يىلدىن بۇيان، چەتئەللەردىكى بەزى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋاڭ لېچۇەننى مەركىزى گوللاندىيىنىڭ لاھەي شەھىرىدىكى خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە بېرىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ھەققىدە سېستىمىلىق ھالدا دەلىل – ئىسپات توپلاشقا تىرىشىپ كەلمەكتە.

ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ۋاڭ لېچۇەن، خەلقئارا سوت مەھكىمىسىنىڭ جازالاش شەرتلىرىگە ئاللىقاچان توشقان بولۇپ، ئۇنى خەلقئارا سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن – پرىنسىپلىرى بۇيىچە، ئۇيغۇرلارغا قارىتا قانۇنسىز ۋە دەلىل – ئىسپاتسىز ھالدا تۇتقۇن قىلىش، تۈرمىلەردە ئېغىر قىيىن – قىستاققا ئېلىش ۋە ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىگە قوماندانلىق قىلىش؛ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي تازىلاش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىش سىياسىتىگە قوماندانلىق قىلىش؛ » ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا يۈزلەندۈرۈش » دېگەن نىقاپ بىلەن، ئۇيغۇرلارنى ئۆز يۇرتى ۋە ماكانىدىن مەجبۇرىي سۈرگۈن قىلىش ھەرىكىتىگە قوماندانلىق قىلىش؛ ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىق شەكلىدە ئېلىپ بارغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى ھەربىي كۈچ ئارقىلىق قانلىق باستۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش قاتارلىق جىنايەتلىرى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

خەلقنىڭ نارازىلىقلىرى كۈچەيگەنسىرى ۋاڭ لېچۇەننىڭ مەنسىپى ئېشىپ باردى

نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلارنىڭ، يەرلىك خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىقلىرىنىڭ تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە كۈچىيىپ كىتىۋاتقانلىقى پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بىلىنىپ كىلىنمەكتە. نارازىلىق ئاشقانسىرى، مىللىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىمۇ شۇنچە كۈچىيىپ بارماقتا. پەقەتلا ئۆتكەن يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى، كۇچا، پەيزىۋات، پوسكام قاتارلىق كۆپلىگەن جايلىرىدا ئارقا – ئارقىدىن قوراللىق توقۇنۇشلار مەيدانغا كەلدى، پۈتۈن دۇنيادا زور سىياسى تەسىر قوزغىغان » 4 – ئاۋغۇست قەشقەر سەمەن يولى ۋەقەسى » يۈز بەردى.

خىتاي ھاكىمىيىتى » مۇقىملىق » دەپ توۋلىغانسىرى، مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى شۇنچە كۆپىيىپ بارماقتا. چەتئەللىك سىياسىي كۆزەتكۈچىلەرلا ئەمەس، ھەتتا ۋاڭ لىشيۇڭ قاتارلىق خىتاي دېموكراتىك زاتلىرىمۇ، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا كۈندىن – كۈنگە كۈچىيىۋاتقان مىللىي زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلارنىڭ كەلگۈسىدە تەرەققى قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان كەڭ كۆلەملىك بىر ئىرقىي توقۇنۇشقا ئايلىنىپ قىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى، شۇڭا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كىلىۋاتقان دەرىجىدىن تاشقىرى قاتتىق قوللۇق سىياسىتىدىن ۋاز كىچىپ، ئۇلارنىڭ ئارزۇ – تەلەپلىرىگە ئەستايىدىل قۇلاق سېلىشى ۋە ئېتىبار بېرىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. ئەگەر خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئارزۇ – تەلەپلىرىگە قۇلاق سالغان بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ باش جاۋابكارى ھېسابلانغان ۋاڭ لېچۇەننى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىشى لازىم ئىدى.

ئەپسۇسكى خىتاي ھاكىمىيىتى دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بىر يولنى تۇتۇپ كەلدى، شەرقىي تۈركىستان قالايمىقانلاشقانسىرى، يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىقلىرى كۈچەيگەنسىرى ۋاڭ لېچۇەننىڭ مەنسىپىمۇ شۇنچە ئېشىپ باردى. ھەتتا ۋاڭ لېچۇەن خىتايدىكى ئەڭ زور خىيانەتچىلىك دىلولىرىنىڭ بىرىگە چېتىلىپ قالغان مەزگىللەردە، يەنى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 16 – قۇرۇلتىيىدا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسى بىيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا ئۆستۈرۈلدى.

خۇددى ئەينى چاغدا تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى بولۇپ يۈرگەن مەزگىللىرىدە تىبەتلىكلەرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نەپرىتى ۋە قاغىشىغا ئۇچرىغان خۇ جىنتاۋنىڭ، ئۆسە – ئۆسە ئاخىرى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى ۋە خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسىگە ئايلىنىپ قالغىنىدەك، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەپرىتى ۋە قاغىشىغا ئۇچرىغان ۋاڭ لېچۇەننىڭ ئۆستۈرۈلۈشىمۇ، ئۇنىڭ تىلى ۋە دىلى بىلەن، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تىلى ۋە دىلىنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ تۇرماقتا.