خىتاي، رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ۋەتەن ئىچى – سىرتىدا ھەرخىل ئىغۋا تارقىتىپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرىنىڭ يولىنى توسۇشقا، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى ئاقسىتىشقا تىرىشىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، غەرب مەتبۇئاتلىرى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى ھەققىدىكى تەرەپسىز ۋە ئوبيېكتىپ قاراشلىرىنى ئۈزلۈكسىز بايان قىلىپ كەلمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.04.24
Rabiye-xanim-terjimali1-305ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﻫﺒﯩﺮﻯ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ «ﺋﻪﺟﺪﻩﺭﻫﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﺭﻩﺷﻜﯜﭼﻰ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻬﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.

ئالدىنقى كۈنى «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» دە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىئوگرافىيىسى ھەققىدە بىر پارچە تەسىرات ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە رابىيە خانىمنىڭ كىشىلىك خىسلەتلىرى ھەققىدە ئالاھىد توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: رابىيە خانىم، ساپ، ئەقىللىق، چىۋەر، پىداكار، ئىقتىدارلىق ۋە باش ئەگمەس بىر ئايال، بولۇپمۇ قورقماسلىق ئۇنىڭ ئاساسلىق خىسلىتى.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، رابىيە خانىمنىڭ بىئوگرافىيىسى ھەققىدە تەسىراتىنى بايان قىلغان ئاپتور، خوۋارد فرەنچ، ئامېرىكىدىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى، نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ شاڭخەي شۆبىسىنىڭ مۇدىرى. ئۇ تەسىرات ماقالىسىنى نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ 23 ‏ – ئاپرىل سانىدا ئېلان قىلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.