2009.04.20
شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا، گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى، ئادەتتىكى ئەھمىيەتسىز بىر خەۋەر سۈپىتىدە قىسقىغىنا يەر ئالغان بولۇپ، «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ تەكشۈرۈش ئۆمىكى 4 – ئاينىڭ 17 – كۈنى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپ، شۇ كۈنى كەچتە «ئاپتونوم رايون» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ھەبىبۇللا بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
جاپپار ھەبىبۇللا بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشتە قىلغان سۆزىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىنى، جەمئىيەت ئامانلىقىنىڭ مۇقىم، مىللەتلەرنىڭ ئىناق – ئىتتىپاق ئىكەنلىكىنى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ شات – خوراملىق ئىچىدە باياشات ياشاۋاتقانلىقىنى، ھازىر بۇ رايوننىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ تەرەققى قىلغان دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ رايوندا ئىقتىساد تەرەققى قىلغىنى بىلەن، بۇ رايوننىڭ ھەقىقى ئىگىلىرى ھېسابلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ يەنىلا نامراتلىق ۋە ئاچ – يالىڭاچلىق ھالىتىدە ياشاۋاتقانلىقى، ئىقتىسادى كىرىم ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسى جەھەتتە بۇ رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ يىلدىن – يىلغا زورىيىپ بېرىۋاتقانلىقى، شەرقىي تۈركىستاندا مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكى، مىللىي زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلارنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچۈيىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەق – ھوقۇقلىرىنىئىڭ تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئېغىر ئاياق – ئاستى قىلىنىۋاتقانلىقى بولسا گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەرگە بەش قولدەك ئايان.
چۈنكى، بۇ مەسىلىلەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرى ۋە گېرمانىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئىزچىل تۈردە تەكىتلىنىپ كېلىنىۋاتقان مەسىلىلەر بولۇپ، گېرمانىيە پارلامېنتىدىمۇ بۇ ھەقتە كۆپ قېتىم مۇھاكىمە ۋە تالاش – تارتىش ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.
بۇرۇن، گېرمانىيىدىكى سىياسى پارتىيىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتايغا بولغان ئېتىرازى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى سەۋەبتىن دەلىل – ئىسپاتسىز تۇتقۇن قىلىنىشى، تۈرمىلەردە ئېغىر قىيىن – قىستاققا ئۇچرىشى ۋە ئۆلۈم – جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىشىدىن ئىبارەت بۇ نۇقتىغا مەركەزلەشكەن ئىدى، ھازىر بولسا ئۇلارنىڭ ئېتىراز قىلىش دائىرىسى پەيدىن – پەي كېڭىيىپ، كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆز ۋەتىنىدە ئاز سانلىق ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇش، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرى دىنسىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇشنى مەقسەت قىلغان » پىلانلىق تۇغۇت » سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل – يېزىقىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان » قوش تىللىق ئوقۇتۇش» سىياسى، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشنى مەقسەت قىلغان ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايغا مەجبۇرى ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىش سىياسىتى قاتارلىقلارمۇ ئۇلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرگە ئايلاندى.
گېرمانىيە ھۆكۈمىتى، پارلامېنتى ۋە ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى رىيال ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىمدار ھەققىدە سىستېمىلىق مەلۇماتقا ئىگە.
دېمەك، «ئاپتونوم رايون» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ئابدۇللانىڭ گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈش ئۆمىكىگە قىلغان يۇقىرقى بايانلىرى بولسا، ماھىيەتتە كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ يالغان ئېيتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.
ئەلۋەتتىكى، گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن تەركىپ تاپقان تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قىلغان بۇ تۇنجى قېتىملىق زىيارىتى، گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ، جۈملىدىن، رابىيە قادىر خانىم رەھبەرلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئاكتىپ پائالىيىتى ۋە تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىدىن ئىبارەت.
مەسىلەن، ئۆتكەن يىلى رابىيە خانىم بېرلىندىكى زىيارىتى جەريانىدا، گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگەن ۋە ئۇلارنى شەرقىي تۈركىستانغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشتى تەلەپ قىلغان ئىدى.
بۇ قېتىم ئۈرۈمچىگە بارغان تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى رابىيە خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن بىۋاستە كۆرۈشكەن پارلامېنت ئەزالىرى ئىدى.
نۆۋەتتە، ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى گېرمانىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپلىرىنىڭ بىرى بولۇپلا قالماستىن، ھەتتا گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئىچىدىمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قىزىققۇچىلار ۋە ھېسداشلىق قىلغۇچىلارنىڭ سانى كۆپىيىپ بارماقتا.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى گېرمانىيىدىكى بەزى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ۋە ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلىرىنى «تېررورىست تەشكىلات» ۋە «تېررورىست» دەپ ئېلان قىلىپ، گەرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما گېرمانىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى يولسىز تەلەپلىرىگە پەرۋاسىز قاراپ كەلمەكتە ۋە رابىيە خانىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى بىلەن بولغان دىئالوگىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ كەلمەكتە.
مەسىلەن، ئۆتكەن يىلى گېرمانىيىنىڭ باش مىنىستىرى مېركەل خانىم خىتاينى زىيارەت قىلغاندا، تىبەت مەسىلىسى بىلەن بىرگە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئالغان، شۇنداقلا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىككى رايوننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.
بۇ، گېرمانىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم بىر باش مىنىستىرنىڭ «ئۇيغۇر» دېگەن كەلىمىنى تىلغا ئېلىشى، شۇنداقلا خىتاي بىلەن بولغان مۇزاكىرىلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى بىۋاستە ئوتتۇرىغا قويۇشى ئىدى.
مەركىزى ئورگىنى گېرمانىيىنىڭ مىيۇنخىن شەھىرىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىلا ئەمەس، گېرمانىيىدىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەر، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنى ۋە پارلامېنتىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىشكە ۋە شەرقىي تۈركىستانغا مەخسۇس تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا دالالەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.
مەسىلەن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى گېرمانىيە شۆبىسىنىڭ باش كاتىپى باربارا خانىم ئۆتكەن يىلى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي بىلەن بولغان مۇزاكىرىلەردە نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى كرىزىس بىلەن بىرگە يەنە، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭمۇ دائىم كۈن تەرتىپتە بولۇشى لازىملىقىنى، چۈنكى تىبەتلىكلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن ناچار بىر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.