2009.04.17
كىتابنىڭ ئارقا مۇقاۋىسىغا سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پەلۇسى، ئامېرىكىنىڭ سىياسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق سەھنىسىدىكى بەزى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ باھاسى كىرگۈزۈلگەن. نەنسى پەلۇسى باھاسىدا مۇنداق دەيدۇ»:رابىيە قادىر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق چىمپىيونى. ئۇ ئۆز داۋاسى ئۈچۈن ھاياتىنىڭ 5 يىلىنى دەھشەتلىك تۈرمە شارائىتىدا ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭ خىتاي ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا كۆرسەتكەن ھارماس تىرىشچانلىقى، تۆلىگەن مۆلچەرلىگۈسىز بەدەللىرىگە رەخمەت ئېيتىمىز.»
ئۇنىڭغا يەنە سابىق پرېزىدېنت بۇشنىڭ 2007 – يىلى 6 – ئايدا پراگادا سۆزلىگەن رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى سۆزى كىرگۈزۈلگەن. بۇش » رابىيە قادىرغا ئوخشاش تالانت ئىگىلىرى ئۇلار ياشىغان دۆلەتلەرنىڭ زور بايلىقى. ئۇلار بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي قورال – يارىقى ۋە يەر ئاستى نېفىت بايلىقىدىنمۇ قىممەتلىك،» دېگەن ئىدى.