2009.04.07
گۇئانتانامو ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئېمېي مېكلىن بۈگۈن فرانسىيە ئاخباراتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا » ئەگەر پرېزىدېنت ئوباما گۇئانتانامو تۈرمىسىنى تاقاش ئىرادىسىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرسا، ئۇنداقتا بۇ ئۇيغۇرلارنى ئايرۇپىلانغا سېلىپ ئامېرىكا ئەكىلىپ يەرلەشتۈرۈش كېرەك،» دېگەن.
2001 – يىلى ئافخانىستاندا تۇتۇلغان 22 نەپەر ئۇيغۇر گۇئانتاناموغا سولانغان. بولار ئامېرىكا سوتىدا «دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس» دەپ ئاقلانغان بولسىمۇ، بۇلارنىڭ پەقەت 5 نەپىرى 2006 – يىلى ئالبانىيىگە يەرلەشتۈرۈلگەن ئىدى.
بۇ يىلنىڭ ئاخىرغىچە گۇئانتانامو تۈرمىسى تاقالغاندىن كېيىن، قالغان 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقى مۇقەررەر بولسىمۇ ھالبۇكى ئۇلارنىڭ نەگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس، نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا. بۇ 17 نەپەر ئۇيغۇر بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرۈلىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلدى.
ۋاشىنگىتونغا جايلاشقان ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىمۇ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىغا يەرلىشىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ كۆپ قېتىم ئاخبارات ساھەسىگە بەرگەن باياناتلىرىدا گۇئانتانامو ئۇيغۇرلىرى ئەركىنلىككە چىققان ھامان ۋاشىنگىتوندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۇلارغا كەڭ قۇچاق ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.