ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، يېقىندا گەرمانىيىگە قىلغان زىيارىتى جەريانىدا بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىدا ئىگىلەيدىغان ئومۇمىي نىسبىتىنىڭ 85 پىرسەنتتىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەكلىكىنى، چۈنكى 1955 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى » شىن جاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى » قۇرۇلغاندا، ئۇيغۇرلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 85 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا، » مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى » نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە، مەمۇرىي ھوقۇق جەھەتتە تەقسىمات ئېلىپ بارغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى سانى ئەمەس، بەلكى 1955 – يىلى ئومۇمىي نوپۇستا ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ ئاساس قىلىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىدى.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﭘﻪﺭﻫﺎﺕ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﯩﺪﻯ
2009.04.02
ئەمەلىيەتتىمۇ ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلغىنى ئۈچۈن، بۇ » ئاپتونوم رايون » غا، » ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى » دەپ نام بېرىلگەن ئىدى.

مەسىلەن، » ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى » نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1955 – يىلى ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي سانى 3 مىليون 726 مىڭ 500 نەپەر بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 80 نەچچە پىرسەنتىنى، خىتايلارنىڭ سانى بولسا 550 مىڭ 500 نەپەر بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 4 – 5 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلاتتى.

خىتاي ھاكىمىيىتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس جەھەتتىكى بۇ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكىنى كۆزدە تۇتۇپ، » ئاپتونوم رايون » نىڭ رەئىسىدىن تارتىپ، » ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى » ۋە » ئاپتونوم رايونلۇق سىياسى كېڭەش » نىڭ رەئىسىگىچە، ھەرقايسى نازارەت، ۋىلايەت ۋە ناھىيىلەرنىڭ بىرىنچى قول باشلىقلىرىنىڭ جەزمەن ئۇيغۇرلاردىن تەركىپ تەپىشى لازىملىقىنى پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللىغان ئىدى.

ئەمما ھازىر قارايدىغان بولساق، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ ئاساسى جەھەتتىن خىتايلار تەرىپىدىن مونوپول قىلىنغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەمۇرىي ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ يىلدىن – يىلغا تۆۋەنلەپ بېرىۋاتقانلىقىنى، كۆپلىگەن ۋىلايەت ۋە ناھىيە دەرىجىلىك ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ پەيدىن – پەي ھوقۇقىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ يېرىنى خىتاي رەھبەرلەرنىڭ ئىگىلەشكە باشلىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

مەسىلەن، » شىن جاڭ گېزىتى » دە ئېلان قىلىنغان، » ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى قوشۇنى زورايماقتا » دېگەن تەمىدا ئېلان قىلىنغان بىر باش ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگانلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان رەھبىرى كادىرلارنىڭ 59.3 پىرسەنتى خىتاي، ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلارنىڭ 47.17 پىرسەنتى خىتاي، نازارەت دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلارنىڭ 64.26 پىرسەنتى، ناھىيە ۋە باشقارما دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلارنىڭ 71.54 پىرسەنتى خىتايلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئەگەر » ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرى كادىرلىرى » دەپ ئاتالغانلارنىڭ ئىچىدىكى تۇڭگان، مانجۇ، شىۋە … قاتارلىق باشقا مىللەتلەرنى چىقىرىۋەتسەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىدا ئىگىلىگەن ئەمىلى نىسبىتى 10 پىرسەنتكىمۇ بارمايدۇ.

ئەمەلىيەتتە بولسا پەقەت 1955 – يىلىلا ئەمەس، ھازىرمۇ ئۇيغۇرلار نوپۇس جەھەتتە خىتايلاردىن ئۈستۈن بولۇپ، خىتاينىڭ رەسمى ئىستاتىستىكىلىرىدا ئۇيغۇرلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 45.94 پىرسەنتىنى، خىتايلار بولسا 39.58 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ھازىر تاشقى كۆرۈنۈشتىن قارىسىڭىز، » ئاپتونوم رايون » نىڭ رەئىسى، خېلى كۆپ ۋىلاياتلەرنىڭ ۋالىيلىرى، ناھىيە ھاكىملىرى ۋە يېزا باشلىقلىرى ئۇيغۇرلاردىن تەركىپ تاپقان، ئەمما بۇ 4 دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ھەممىسىدىلا مەخسۇس پارتىكوملار تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ پارتىكوملارنىڭ سېكرىتارلىرى تەمامەن خىتاي، ھەر دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا سىياسەت بەلگىلەش، ئىجرا قىلىش ۋە قارار ئېلىش ھوقۇقى يوق بولۇپ، ئۇلار ھەرقانداق ئىشتا خىتاي پارتكوم سېكرىتارلىرىنىڭ ئېغىزىغا قارايدۇ ۋە شۇلارنىڭ بۇيرۇقى ۋە خاھىشى بويىچە ئىش كۆرىدۇ.

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا، » ئاپتونوم رايون » دىن تارتىپ، تاكى ناھىيىلەرگىچە بولغان ھەر دەرىجىلىك پارتىكوملاردا بىرىنچى سېكرىتار بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىرمۇ ئۇيغۇر يوق.

» شىن جاڭ گېزىتى » نىڭ بىر خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 1 مىليون 179 مىڭ نەپەردىن كۆپرەك بولۇپ، نوپۇسقا سېلىشتۇرغاندا، سان جەھەتتە خىتايدىكى پۈتۈن ئۆلكىلەر بويىچە 1 – ئورۇندا تۇرىدۇ، يەنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 12 – 13 پىرسەنتى كومپارتىيە ئەزالىرىدىن ئىبارەت.

ھازىر شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 66 مىڭ 800 بولۇپ، ھەتتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزا – قىشلاقلىرىدىكى سىياسى ۋە مەمۇرىي ھوقۇقلارمۇ پۈتۈنلەي كومپارتىيىنىڭ مۇتلەق مونوپوللۇقى ئاستىدا تۇرماقتا.

ئەگەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ رېئال ۋەزىيىتىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 1949 – يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى ۋە مەمۇرىي جەھەتتىكى ئورنىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن سىستېمىلىق بىر سىياسەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

ئەڭ ئاددىسى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تېخى » ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون » قۇرماي تۇرۇپلا، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇردىن باشقا مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاۋال ئاپتونومىيىلىك ھەق – ھوقۇقلارغا ئىگە قىلغانلىقى بۇنىڭ ئېنىق دەلىلى ئىدى.

مەسىلەن، » شىن جاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلۇشتىن بىر يىل بۇرۇن، يەن، 1954 – يىلى شەرقىي تۈركىستاندا » ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى «، » بۆرىتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى «، » سانجى خۇئىي زۇ ئاپتونوم ئوبلاستى «، » بايىنغولىن موڭغول ئاپتونوم ئوبلاستى «، » قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى » قاتارلىق 5 » ئاپتونوم ئوبلاست «، يەنە » چاپچال شىۋە ئاپتونوم ناھىيىسى»، » تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى» قاتارلىق «6 ئاپتونوم ناھىيە » تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 1955 – يىلى » ئاپتونوم رايون » قۇرۇلغاندا، ئۇيغۇرلارغا بۆلۈپ بەرىلگەن مەمۇرى رايون پەقەتلا قۇمۇل، تۇرپان، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق 5 ۋىلايەت بىلەنلا چەكلەنگەن، شۇنداقلا ئەينى چاغدا ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 10 پىرسەنتىنىمۇ تەشكىل قىلمايدىغان قازاق، قىرغىز، موڭغۇل ۋە تۇڭگانلار ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ئاپتونوم ئوبلاستلارغا بۆلۈپ بېرىلگەن يەر كۆلۈمى، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي يەر كۆلۈمىنىڭ 60 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلاتتى.

دېمەك، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى ۋە مەمۇرىي ئورنىنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتى ئاللىبۇرۇنلا ئېنىق بېكىتىلگەن ئۆزگەرمەس تۈپ سىياسەتلەرنىڭ بىرى ئىدى.