2009.03.27

رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە سىدنېي، ئادەلايد، مېلبوئۇرن شەھەرلىرىدە بولدى ۋە جەمئىيەت رەھبەرلىرى ۋە جامائەتچىلىك بىلەن كۆرۈشتى ۋە سىدنېيدا نورۇز بايرىمىنى بىرگە ئۆتكۈزدى. ئادەلائىدە، مېلبوئۇرن شەھەرلىرىدە ئاۋسترالىيە شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتى، ۋىكتورىيە ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا نەچچە يۈزلىگەن ۋەتەنداشلارنىڭ قاتنىشىشىدىكى كۈتۈۋېلىش مۇراسىملىرىدا بولۇپ ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئازادلىقى، ئەركىنلىكى ھەققىدە سۆزلەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاننىڭ بايلىقلىرىنى تالان – تاراج قىلىۋاتقانلىقى، زېمىن ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى ئاياق – ئاستى قىلىپ، تىل ۋە دىنىدىن ئايرىپ مىللەت سۈپىتىدە يەر شارىدىن يوقىتىش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.