2009.03.26
ماقالىدە ئابدۇقېيۇم ئىسىملىك ياشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شىكايىتى توغرىسىدا مۇنداق دېگەنلىكىنى يازىدۇ. » پۇقرالار ئۆيلىرىنىڭ بەك تارلىقىدىن شىكايەتچى، ئۇلار كونا مەھەللىسىدە ھەر كۈنى ئۆز ئارا سالاملىشىپ تۇراتتى شۇنداقلا ھەر كۈنى مەسچىتكە باراتتى. لېكىن ئەمدى ئۇلار مەسچىتتىن ناھايىتى يىراق جايدا ئولتۇرىدۇ.»
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قەشقەر قەدىمى شەھەر رەستىسىدىكى كونا مەھەللىلەرنى چېقىش پىلانىغا ئاساسەن ئاز دېگەندە 50 مىڭ ئائىلىلىك كۆچۈرۈلىدىغان بولۇپ، بۇ 220 مىڭ ئادەمگە چېتىلىدىكەن. لېكىن خىتاينىڭ پىلانى زىيالىيلارنى، مەدەنىيەت ئەرباپلىرىنى ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ئەندىشىگە سالغان.
ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى چارشەنبە كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر پىلانىنى شىددەتلىك تەنقىدلىگەن ئىدى. ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم خەلقئارا جەمئىيەتكە قەشقەرنى قۇتقۇزۇۋېلىشنى مۇراجەت قىلغان.