3 – ئاينىڭ 21 – كۈنى ئاۋسترالىيىنىڭ سىدنېي شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئائۇبۇرن تۈرك زالىدا نورۇز بايرىمى كېچىلىكى ئۆتكۈزدى. بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، مۇئاۋىن رەئىس ئەسقەرجان، ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ باش كاتىپى جاناب لائۇرا فېرگۇسون خانىمى بىلەن ھەمدە بىرقىسىم تۈرك، ئەزەرى مېھمانلار قاتناشتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﻪﺧﺘﯩﻴﺎﺭ
2009.03.23
Awstraliyide-noruz-3053 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 21 – ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺪﻧﯧﻲ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﻧﻮﺭﯗﺯ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﺴﻰ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺳﯚﺯﺩﻩ.
بۇ كېچىلىكنى ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ باش كاتىپى مۇھەممەتئىمىن ئەلا ئەپەندى ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، سيدنېيدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى نامىدىن رابىيە قادىر خانىمغا، ئەسقەرجان ئەپەندىگە ھەمدە جاناب لاۇرىيە فېرگۇسون ۋە خانىمىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

پائالىيەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئۆز ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا چاقىردى. ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھۈسەن ئەپەندى لائۇرىيە فېرگۇسون ئەپەندىگە دوپپا تەقدىم قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئاۋسترالىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز بەختىيارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتىنى ئاڭلايسىلەر.