2009.03.22
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇزىنى تەبرىكلىدى.
نورۇز پائالىيەتلىرى ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە شۇنىڭدەك پائالىيەت مەزمۇنلىرى يىلدىن يىلغا موللاشماقتا.
نورۇز پائالىيىتى يەنە دۇنيانىڭ باشقا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى جۈملىدىن فرانسىيە، گېرمانىيە ئاۋسترالىيە ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى تەرىپىدىنمۇ ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتلەردە ناخشا – ئۇسۇل قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش مەزمۇنىدىكى پروگراممىلاردىن باشقا يەنە مىللەتپەرۋەرلىك مەزمۇنىدىكى پروگراممىلارمۇ مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن، نورۇز پائالىيەت سورۇنىغا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى ئېسىش، مىللەت يولىدا ھاياتىنى تەقدىم قىلغان شېھىدلارنى ئەسلەش ئادەت قىلىنغان.