2009.03.17

3 – ئاينىڭ 14 – كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سابىق باش مىنىستىر مۇئاۋىنى، مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى باشلىقى دەۋلەت باغچەلى پارتىيىسىنىڭ قەيسەرى شەھەر باشلىقى نامزاتى مۇستافا ئەراسلان ۋە پارتىيىسىنىڭ خىزمەت پىلانىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن كەلگەندە، قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشكەن.
قەيسەرى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر، مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى باشلىقى دەۋلەت باغچەلى مۇئاۋىن باشلىقى دېڭىز بۆلۈكبېشى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى، دۇق باشلىقى رابىيە قادىر خانىمغا تۈركىيىنىڭ ۋىزا بېرىشى كېرەكلىكى، تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرىگە ئوخشاش بىر يۈرۈش مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
تۈركىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىر مۇئاۋىنى دەۋلەت باغچەلى، پارتىيە رەھبەرلىرى ۋە كۆپ ساندا پارلامېنت ئەزاسى قاتناشقان بۇ چوڭ يىغىنغا 50 مىڭ ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى تۈرك پارلامېنتىدىكى 3 – چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە.
14 – مارت كۈنى قەيسەرى شەھەر مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ چوڭ يىغىن ئىنتايىن تەنتەنەلىك ھالدا ئۆتكۈزۈلگەن.
بىز بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن دۇق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.