2009.03.17
رابىيە قادىر خانىم مۇنداق دېگەن: » بايراق چىقىرىشقا ئۇرۇنۇشتەك كىچىككىنە ھەرىكەتلەرمۇ، نەچچە يىللىق قاماق بىلەن جازالىنىدۇ. بۇنى مەنمۇ بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ ۋەھشىيلىك ھەم ئىنسان قېلىپىدىن چىققانلىق.»
مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇقادىر مەخسۇم خىتاي تۈرمىسىدە نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر ۋەتەنپەرۋەر سودىگەرنىڭ ئۆلۈمىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، 2008 – يىلى 27 – فېۋرال، خوتەندە نامايىش تەشكىللىگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا 15 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، خوتەنلىك ياش مەمەت ئېلى ئەخەتكە، شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى خوتەن شەھەر مەركىزىدىكى سابىق خىتاي رەئىسى ماۋنىڭ ھەيكىلىگە ئېسىشقا ئۇرۇنغان دېگەن جىنايەت بىلەن 8 يىللىق قاما جازاسى بېرىلگەن.