2009.03.11

جالال ئەرباي سۆزىدە، ئۆزىنىڭ مارمارا ئۇنىۋەرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان مەزگىللەردە تۇنجى قېتىم بارات ھاجىنى تېلىۋىزوردا كۆرگەنلىكىنى ۋە بارات ھاجىنىڭ سۆزلىرىدىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىدىن بارات ھاجى بىلەن ئۇچراشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقانلىقىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن مەرھۇمنىڭ ھاياتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى، «بارات ھاجى، ئىسمى جىسمىغا لايىق بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ياشاپ، جان دىل ۋە شەرەپ بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلدى. بارات ھاجىغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، ئۇ ئازادلىقنىڭ، ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ، ئادالەتنىڭ سىمۋولى ئىدى. بارات ھاجىنىڭ روھىنى، خاراكتېرىنى، شەخسىيىتىنى، پەرزەنتىڭلەرغا ئۆگىتىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئاللاھ بۇيرىسا يەنە بىر قېتىم نۇرغۇن بارات ھاجىلار سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن يېتىشىپ چىقىدۇ، قەھرىمانلار چىقىدۇ، ئاللاھنىڭ سىلەرگە ۋەدە قىلغان ۋە سىلەر ئارزۇ قىلغان پارلاق كۈنلەر پات ئارىدا يېتىپ كېلىدۇ».
جالال ئەرباي يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى، «سىلەرنىڭ زۇلۇم چېكىۋاتقىنىڭلارنى مەن بىلىمەن، شەرقى تۈركىستاننىڭ نوپۇسى 35 مىليون، ھەر ئائىلىدە 4 ياكى 5 پەرزەنت بولسا ئىدى، شەرقى تۈركىستاننىڭ نوپۇسى 70 ياكى 80 مىليون بولاتتى. شەرقى تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىم! سىلەرنى ئاللا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ گراجدانلىق شارائىتقا ئېرىشتۈردى، سىلەر ھۆر ۋە ئازات ياشايسىلەر، رەببىم سىلەرگە ئەقىللىق پەرزەنتلەر بەردى، بۇ پەرزەنتلەرگە بارات ھاجىنىڭ روھىنى ئۆگىتىڭلار، ئازادلىققا ئىنتىلىدىغان روھ بىلەن يېتىشتۈرۈڭلار، ئۇلار شەرقى تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى، مۇستەقىللىقى ئۈچۈن پىداكار بىر روھ بىلەن يېتىلسۇن»!
جالال ئەرباي ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «سىلەرنىڭ دەرت – ھەسرىتىڭلار بىزنىڭ ھەسرىتىمىز، ھۆرمەتلىك باش مىنىستىرىمىز ئۇ يەرگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋەزىپىسىنى ماڭا بەردى، ئۇ يەردىكىلەرگە مەن كۆڭۈل بۆلىمەن، قىيىنچىلىقلارنى بىرگە تارتىمىز، دەرتلەرنى بىللە چېكىمىز، ۋەتەن ئىشقىدا بىللە كۆيىمىز، سىلەر بىلەن ئۈمىدلىنىمەن، مەنمۇ ئۇ پارلاق كۈنلەرنى سىلەر بىلەن بىرگە كۆرۈشنى خالايمەن. رەببىم دۇنيادا زۇلۇمغا ئۇچرىغان، ئېزىلگەن پۈتكۈل خەلقلەرگە، مىللەتلەرگە ئازادلىق نىسىپ قىلغاي».
پارلامېنت ئەزاسى جالال ئەرباي سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا مۇراسىم ئىشتىراكچىلىرىدىن بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاپ بەردى.
جالال ئەرباي بىر ئۇيغۇرنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى نېمە ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىرخانىمغا ۋىزا بەرمەيدۇ؟ سىز رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈركىيىگە كېلىشىگە ياردەم قىلالامسىز؟ دېگەن سوئالىغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى:
«ھەقىقەتەن رابىيە خانىم ئانىمىز، بەك ھۆرمەتلىك، غەيرەتلىك، شەرقى تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن جېنىدىن كەچكەن جاپاكەش بىر خانىم. بىز رابىيە خانىمنىڭ تۈركىيىنى زىيارەت قىلىشى ئۈچۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە تاشقى ئىشلار كومىتېتى بىلەن پۈتكۈل ئىمكانىيەتلەرنى ئىشقا سېلىپ سۆزلىشىۋاتىمىز، بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە ئەنقەرەدىكى شەرقى تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى خەيرۇللا ئەپەندى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت قۇرۇپ كېلىۋاتىمىز، خۇدايىم بۇيرىسا رابىيە خانىم ئانىمىز تۈركىيىنى زىيارەت قىلىدۇ».