ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بەلگىلەنگەن رەئىسى نۇر بەكرى 6 – مارت جۈمە كۈنى، 2009 – يىلىدا ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى ساقلاشتا تېخىمۇ قاتتىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، نۇر بەكرىنىڭ مەزكۇر باياناتى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.03.09
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا نەقىل قىلىشىچە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ ئىشلەتكەنلىكى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ خىل سىياسەتلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇزغۇنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

باياناتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئېلىپ بارغان تىنچ يوسۇندىكى نامايىشلارنى داۋاملىق «تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك، ۋە بۆلگۈنچىلىك بىلەن باغلاپ» كەلگەنلىكى، 2008 – يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە » دۆلەت بىخەتەرلىكى» نى باھانە قىلىپ تۇتقۇن قىلىش ۋە جىددىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى كېڭەيتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

باياناتتا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: «ئامانلىقنى ساقلاش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىش نامىدا شەرقىي تۈركىستاندا يۇقىرى بېسىم بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەر، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش، ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەر بىلەن ماس قەدەمدە يۈرگۈزۈلدى.»

نۇر بەكرى بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىككىنچى كۈنى، 2009 – يىلىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر خىل مۇقىمسىزلىقلارنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىش مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە : » بىزنىڭ ۋەزىپىمىز تېخىمۇ ئېغىر ۋە كۈرەش تېخىمۇ كەسكىن بولىدۇ» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى ساقلاش نامىدا ھەرخىل باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا كەڭ ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئالدىنقى ئاي ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە » جىددىي رەۋىشتە مەدەنىي ۋە دىنىي باستۇرۇش ئېلىپ بارماقتا» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.