ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.03.05
2009.03.05
رابىيە قادىر خانىم، بىر قانچە كۈندىن بۇيان شىۋېتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە شىۋېتسارىيە پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى. رابىيە قادىر خانىم يەنە شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنى گۇئانتانومودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىنى شىۋېتسارىيىگە قوبۇل قىلىشى ھەققىدە ئىلتىماس سۇندى.
مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، رابىيە قادىر خانىم جۈمە ۋە شەنبە كۈنلىرى گېرمانىيىدە مەركىزى مىيۇنخېندىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش ۋە گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەتلىش پائالىيەتلىرىدىن كېيىن، يەنە ئەلجىزىرە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى شۇنىڭدەك گېرمانىيە دولقۇنلىرى تېلېۋىزىيىسىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقچى.