ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، 4 ‏- مارت كۈنى شۋېتسارىيىنىڭ پايتەختى بېرىن شەھىرىدە شۋېتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خادىملىرى بىلەن شۇنىڭدەك شىۋېتسارىيە پارلامېنتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىسسىيىسىنىڭ رەئىسى ۋە كومىسسىينىڭ مىللەت ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2009.03.04
rabiye-yawropa-305ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ 2007 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻴﯘﻥ ﭘﺮﺍﮔﺪﺍ.
رابىيە قادىر خانىم سۆھبەتتە، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە، گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ شىۋېتسارىيىگە يەرلىشىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاش تەشەببۇسىدا بولغان.

رابىيە قادىر خانىم يەنە بېرىندىكى مەشھۇر 3 چوڭ گېزىت مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، رابىيە قادىر خانىمنىڭ مەزكۇر پائالىيەتلىرى توغرىسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.