2009.02.24

باراك ئوباما تەخىتكە چىققاندىن كېيىن، گۇانتانامو ئۇيغۇرلىرى مەسىلىسى ۋاقىت جەھەتتىن بەلگىلىك دەرىجىدە ئېنىقلىق قازاندى. يەنى مەھبۇسلارنىڭ بىر يىل ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىپ بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتى. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ بىر يىلنىڭ قايسى ئاي ، قايسى كۈنىدە بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى، بولۇپمۇ قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى ئېنىقسىز ھالەتتە تۇرماقتا.
بولۇپمۇ ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا ئوتتۇرا سوتى، سوتچى ئۇربىنانىڭ ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇۋېتىش ھەققىدىكى ھۆكۈمىنى ئىناۋەتسىز قىلغاندىن كېيىن، مەزكۇر ئېنىقسىزلىق، ئۇيغۇر پاالىيەتچىلىرىنى گۇانتانامو مەسىلىسىدە تېخىمۇ جىددىيلەشتۈردى. باش كاتىپ ئالىم سېيىتوپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوتتۇرا سوتنىڭ ھۆكۈمىدىن كېيىن، رابىيە قادىر خانىم، پرېزىدېنت ئوباماغا خەت يېزىپ، گۇانتانامو ئۇيغۇرلىرى مەسىلىسى ھەققىدە تەكلىپ ۋە تەلەپلىرىنى سۇندى.
گۇانتانامو ئۇيغۇرلىرىنى ئامېرىكىغا قويۇۋېتىش ئىشىنىڭ سوتنىڭ ھۆكۈمى بىلەن ئەمەس، ھۆكۈمەتنىڭ قارارى بىلەن بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى ئامېرىكا ئاخباراتى ۋە ئامېرىكىدىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ گۇانتانامو ئۇيغۇرلىرى مەسىلىسىدە توغرا بىر جامائەت پىكىرى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشماقتا.
نۆۋەتتە ئامېرىكا ئاخباراتىدا گۇانتامو ئۇيغۇرلىرى مەسىلىسى ئۈزلۈكسز مۇلاھىزە قىلىنماقتا. ئۆتكەن ھەپتە لوس ئانجىلىس ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدا، گۇانتانامو ئۇيغۇرلىرىنىڭ خىتايدا يالغۇز ھەقسىزلىققە ئۇچرىغانلار ئەمەس، ھەقسىزلىق ئۈچۈن كۈرەشكە ئاتلانغانلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ پەقەتلا زۇلۇمدىن قاچقانلا ئەمەس، زۇلۇمغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنلەر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ خىتاي ئەيىپلاۋاتقاندەك تېرورچى ئەمەس ئەركىنلىك جەڭچىلىرى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.
بۈگۈن ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدا يەنە، ئىندىيانا ئونۋىرسىتىنىڭ مۇتەخەسسىسى بلومىڭتوننىڭ سۆزلىرىگە يەر بېرىلگەن. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نۆۋەتتە ئىسلامچىلار ۋە مىللەتچىلەر، ئاپتونومچىلار ۋە مۇستەقىلچىلەر، شۇنداقلا يەنە تېنچلىقچىلار ۋە قوراللىق قارشىلاشقۇچىلار بولۇپ، ھەرخىل گۇرۇھلار بارلىقىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوخشاش قالپاق بىلەن يەنى تېرورچى دېگەن نام بىلەن ئەيىپلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئالىم سېيىتوپ، گۇانتانامو ئۇيغۇرلىرى مەسىلىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش ئېھتىماللىقلىرى ھەققىدىكى پەرەزلىرىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: » ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ دەسلەپكى ئىپادىلىرى ۋە ئۆزىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرىمىزغا ئاساسەن گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش مۇمكىنچىلىكى يوق دەپ قارايمىز. نۆۋەتتىكى ئەڭ ياخشى ئېھتىماللىق، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلىش؛ ئەڭ يامان ئېھتىماللىق بالىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىش ۋاقتىنىڭ ئۇزىراپ كېتىشى ياكى بىز كۈتكەن دۆلەتلەرگە ئەمەس، ئاجىز ۋە نامرات دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ قېلىش؛ ئەمما بۇمۇ مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى ئاز بىر ئېھتىماللىق.»
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، يۇقىرىدا بىز سىلەرگە، گۇانتانامو ئۇيغۇرلىرى مەسىلىسىدە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئىشلىگەن خىزمەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.