فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 23 – فېۋرال خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى دۈشەنبە كۈنى گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە ئوباما ھۆكۈمىتىگە مەخسۇس دوكلات يوللاپ، گۇەنتانامو تۈرمىسىدىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرلار مەسىلىنى يەنى ئۇلارنى ئامېرىكىغا ۋە ياكى باشقا دۆلەتلەرگە يەرلەشتۈرۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.02.24
بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ مەزكۇر دوكلاتىدا ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامو تۈرمىسىگە سولانغان بۇ 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 2004 – يىلىلا دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس دەپ ئاقلانغان بولسىمۇ ھازىرغىچە تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلمەسلىكنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى دەرھال تۈرمىدىن ئازات قىلىشى ۋە يەرلىشىش مەسىلىنى ئاكتىپ ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ھەل قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

دۈشەنبە كۈنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا، گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تونۇشتۇرغان بولۇپ، رابىيە خانىم بۇ ھەقتە بەرگەن نۇتقىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ گۇناھسىز دەپ ئاقلانغان 17 نەپەر ئۇيغۇرنى ھازىرغىچە گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ خاتالىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلارنى ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرۈش بولمىغاندا ياۋروپا ئەللىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى قاتارلىق ئامېرىكىدىكى ئاممىۋى ۋە سىياسىي تەشكىلاتلارمۇ گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىغا ۋە ياكى باشقا ئەللەرگە يەرلەشتۈرۈلۈشى ئۈچۈن توختىماي پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.