ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.02.14
2009.02.14
خىتاينىڭ ›شىنجاڭ خەۋەر تورى‹ دا بايان قىلىنىشىچە، ۋاڭ لېچۈەن سۆزىدە ›خىتايغا قارشى غەرب كۈچلىرى شىنجاڭنى پارچىلاپ چىقىپ كەتمەكچى بولىۋاتىدۇ’، ›بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ۋەقە چىقمايدۇ دەپ خام خىيال قىلىشقا بولمايدۇ، بۇ دۈشمەنلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش كېرەك‹ دەپ تەكىتلىگەن.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان ›داگوڭباۋ گېزىتى‹ نىڭ مۇخبىرى ياڭ چىڭلىننىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، ۋاڭ لېچۈەن 2 – ئاينىڭ 10 – كۈنىدىن 12 – كۈنىگىچە، ›داگوڭباۋ گېزىتى‹ نىڭ مۇخبىرلىرىنى ئۇدا بىر نەچچە قېتىم قوبۇل قىلغان. ئۇ ھەر قېتىم قىلغان سۆزىدە ›ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش‹ نى كۈچەيتىپ، ›شىنجاڭنى تەرەققى قىلدۇرۇش‹ نى تېزلىتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.