ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2009.02.05
2009.02.05
ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە ۋە تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئوخشاش بىر كۈندە ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى، ئالدى بىلەن خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈش ۋە بۇندىن 12 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن » غۇلجا ۋەقەسى» دە خىتاي قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن خەتمە قۇرئان ئۆتكۈزۈش ھەمدە شۇ يىلى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئېلىپ بارغان ئەھمىيەتلىك ئىش – پائالىيەتلىرىنى ئەسلەش قاتارلىق شەكىللەردە داۋاملاشماقتا.
ئۇيغۇرلار، 12يىلدىن بۇيان ھەر يىلى 5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە، ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن قاتتىق سوغۇققا قارىماي، ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا قاتنىشىپ نوتۇق سۆزلىدى.