ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.02.03
2009.02.03
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بولۇپمۇ چاغان بايرىمى مەزگىلىدە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش باھانىسىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىياسىي، دىنىي بېسىمنى ئىزچىل كۈچەيتىپ ئۇلارنى قالايمىقان تۇتقۇن قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئىسمى ھەمدە قانۇنىي رەسمىيەتلىرى ھەققىدە ئېغىز ئاچمىغان.
ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق يىغىنىدا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەپسەندە بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرى ھەققىدە ئىسپات بەرگەندە، مۇشۇ خىلدىكى، ئائىلىدە قىرائەت قىلىپ، بالىلارغا قۇرئاندىن ساۋات بەرگۈچىلەرنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق جازالىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.