2009.01.29
گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە كېيىنكى يىللاردىن بۇيان ياۋروپا بىرلىكى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلەر ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلغان بولسىمۇ، ئەمما سىياسىي ئىختىلاپ ۋە سۈركىلىشلەر پەيدىن – پەي ئېشىپ بارماقتا.
2007 – يىلى گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېكېل خانىم بېرلىندا تىبەتلىكلەرنىڭ روھانى داھىيسى دالاي لامانى قوبۇل قىلىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن، بۇنىڭغا قاتتىق سەپرايى ئۆرلىگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ گېرمانىيە زىيارىتىنى ۋە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن – تۈزۈم سۆھبىتىنى ۋاقىتلىق توڭلىتىپ قويغان ئىدى.
ئۆتكەن يىلى 10 – ئايدا مېكېل خانىمنىڭ خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر سەل-پەل يۇمشىغان بولسىمۇ، ئەمما ياۋروپانىڭ پاراۋۇزى ھېسابلانغان گېرمانىيىدەك بىر دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرىنىڭ دالاي لامانى قوبۇل قىلىپ كۆرۈشۈشى، باشقا ياۋروپا ئەللىرىنىمۇ جاسارەتلەندۈردى.
بۇندىن ئىككى ئاي بۇرۇن فرانسىيە پرېزىدېنتى ۋە ياۋروپا بىرلىكىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى ساركوزىي خىتاينىڭ شۇنچە كۈچلۈك نارازىلىقىغا قارىماستىن پولشادا دالاي لامانى قوبۇل قىلىپ كۆرۈشتى. نەتىجىدە خىتاي باش مىنىستىرى ۋەن جياباۋ فرانسىيىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ياۋروپا بىرلىكى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشنى بىكار قىلغان، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرمۇ سوۋۇشقا باشلىغان ئىدى. بۇ قېتىم ۋېننىڭ ياۋروپاغا قىلغان زىيارىتىدە فرانسىيىنى زىيارەت قىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزمەسلىكىنىڭ سەۋەبىمۇ دەل شۇنىڭدىن ئىبارەت.
خىتاي ھۆكۈمىتى فرانسىيىگە قوساق كۆپۈكى قىلىپ تۇرغان بىر مەزگىلدە، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى، يەنى، 2008 – يىلى 12 – ئاينىڭ 4 – كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى برىيۈكسېلدىكى پارلامېنت بىناسىدا دالاي لامانى قوبۇل قىلىپ كۆرۈشكەن، يەنە كېلىپ خىتاينىڭ تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق جەڭچىسى خۇ جياغا ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئەڭ ئالىي كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى ھېسابلانغان ساخاروف مۇكاپاتىنى بېرىش ئارقىلىق خىتاينىڭ دەردىگە دەرت قوشقان ئىدى.
گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ گېرمانىيىگە بولغان قوساق كۆپۈكى پەقەتلا دالاي لاما مەسىلىسى ئەمەس، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سىياسى ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە. چۈنكى ھازىر گېرمانىيە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەركىزى ئورگىنى بىلەن بىرگە يەنە شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتسىيون مەركىزى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى، ياۋروپا ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى، شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى قاتارلىق تەشكىلاتلار گېرمانىيىدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىپ كەلمەكتە ۋە ئۇلارنىڭ تۈرتكىسى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ بۇ دۆلەتتىكى تەسىرى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ بارماقتا.
نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى گېرمانىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپلىرىنىڭ بىرى بولۇپلا قالماستىن، ھەتتا گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئىچىدىمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قىزىققۇچىلار ۋە ھېسداشلىق قىلغۇچىلارنىڭ سانى كۆپىيىپ بارماقتا.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى گېرمانىيىدىكى بەزى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنى » تېررورچى تەشكىلات » ۋە » تېررورچى » دەپ ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما گېرمانىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى يولسىز تەلەپلىرىگە پەرۋاسىز قاراپ كەلگىنى ئۈچۈن، بۇنىڭدىن خىتاي قاتتىق نارازى ئىدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پات – پات بېرلىندا پەيدا بولۇپ، گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىمۇ خىتاينى ئەندىشىگە سېلىپ كەلگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى.
بۇ قېتىم ۋىن جياباۋنىڭ گېرمانىيە زىيارىتى بولسا دەل گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە قىزىق تالاش – تارتىش بولۇۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولۇپ، بۇمۇ خىتاينىڭ بىر تەلەيسىزلىكى ئىدى. يەنە كېلىپ ياۋروپا بىرلىكى ئەللىرى ئىچىدە ئەگەر گۇئانتانامو تۈرمىسى تاقالسا ئۇيەردىكى مەھبۇسلارنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىدىغانلىقى ھەققىدە تۇنجى پوزىتسىيە بىلدۈرگىنىمۇ گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستەئىي مائېر ئەپەندى بولۇپ، ئۇنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ياۋروپا بىرلىكىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل ئالىي ۋەكىلى سولانا ۋە بەزى ياۋروپا ئەللىرى بۇ جەھەتتە ئىجابىي پىكىر بىلدۈرگەن ئىدى.
شۇندىن بۇيان ياۋروپا ۋە گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا گۇئانتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇر ۋە 2006 – يىلى گۇئانتانامودىن قويۇپ بېرىلىپ ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان 5 نەپەر ئۇيغۇر ھەققىدىكى خەۋەر – ئانالىزلار ئۈزۈلمەي داۋام قىلىپ كەلمەكتە ۋە بۇ خەۋەر – ماقالىلاردا، ئەگەر گۇئانتانامودىكى تۇتقۇنلار ئىچىدە خەتەرسىز ۋە گۇناھسىز دېيىشكە توغرا كەلسە ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ھىچبىرىنىڭ ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزمەيدىغانلىقى، شۇڭا گۇئانتانامودىكى مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگىدەك پەقەتلا ئۇيەردىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرغا قىزىقىۋاتقانلىقى تەشۋىق قىلىنماقتا.
مەسىلەن، گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ بۇ يىل 1 – ئاينىڭ 17 – كۈنىدىكى بىر خەۋەر ئانالىزىدا، نۆۋەتتە ئالبانىيىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى يەر ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا، » گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈك ئىزدەپ چەتئەلگە چىققانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىسى ئوساما بىنلادىننىڭ كىم بولغانلىقىدىن، ھەتتا » 11 – سېنتەبىر ۋەقەسى» دىنمۇ خەۋىرى يوق، ئۇلارنى پاكىستانلىقلار ئالداپ ئاپىرىپ ئامېرىكىلىقلارغا » بۇلار ئەل – قائىدە تېررورچىلىرى» دەپ پۇلغا تۇتۇپ بەرگەن، ئۇلار ئامېرىكىلىقلارنىڭ قولىغا ئۆتكەندە، » ھەجەپمۇ ياخشى خىتاينىڭ رەقىبى بولغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ قولىغا ئۆتتۇق، ئەمدى ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغان بولدۇق» دەپ خوش بولۇشقان، ئەپسۇسكى ئۇلار گۇئانتاناموغا ئېلىپ بېرىلىپ قامالغان، ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن گۇناھسىز دەپ قارىلىپ قويۇپ بېرىلگەن ۋە ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان » دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى. دېمەك، ياۋروپا ۋە گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئۇلار ھەققىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەر – ماقالىلەرنىڭ ھەممىسى دېگىدەك ئىجابىي بولۇپ، بۇمۇ گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى » تېررورچىلار » دەپ قارىلاپ كېلىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلغان قاتتىق بىر كاچات ئىدى.
گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرى، خىتاينىڭ ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەردىن سىياسى ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتە شۇنچە دەشنام يىيىشىگە قارىماستىن، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىنى، تاشقى سودا جەھەتتە ياۋروپاغا قارىغاندا بەكرەك مۇھتاج ۋە بېقىندى ئىكەنلىكىگە باغلاپ قارىماقتا.
مەسىلەن، گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر خىتاي بولسا ياۋروپا بىرلىكىنىڭ 2 – چوڭ سودا شېرىكى، ئەمما ياۋروپا بىرلىكى خىتاينىڭ بىرىنچى چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ، ئۆتكەن 5 يىل ئىچىدە ياۋروپا بىرلىكى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تاشقى سودا مىقدارى 30 مىليارد ياۋرۇغا يىتىپ بىر ھەسسە ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قىلغان ئېكىسپورتىدا 16 مىليارد ياۋرۇلۇق قىزىل رەقەم بار.
ھەتتا ياۋروپا بىرلىكى ئىچىدە خىتايغا ئەڭ كۆپ مال ئېكسپورت قىلىدىغان گېرمانىيىدىمۇ قىزىل رەقەم مەۋجۇت بولۇپ، مەسىلەن، ئۆتكەن يىلى 1 – ئايدىن 11 – ئايغىچە گېرمانىيە خىتايغا 3 مىليارد 130 مىليون ياۋرۇلۇق مال ساتقان بولسا، خىتايدىن 5 مىليارد 430 مىليون ياۋرۇلۇق مال سېتىۋالغان. دېمەك، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى تاشقى سودىدا بەكرەك پايدا ئېلىۋاتقان تەرەپ يەنىلا خىتايدىن ئىبارەت.