سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.01.27
مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە ئېچىلغان تۇنجى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇر، تىبەت كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى گۇۋاھلىق بەرگەندىن سىرت يەنە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، لوگەي فوندى جەمئىيىتى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ ئىشتىراك قىلىپ گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەن.

ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەن رابىيە قادىر خانىم ئاساسلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكى جەريانىدا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى تۈرمىلەرگە ئالغانلىقى، ئۇيغۇرلارنى ئىرقىي، مەدەنىي،  سىياسىي، دىنىي جەھەتلەردىن ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىپ يوقىتىش سىياسىتىنى قوللنىۋاتقانلىقىدەك مەسىلىلەرنى ئىسپاتلىق ئوتتۇرىغا قويغان شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش دېگەن سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى ئىرقىي جەھەتتىن يوقىتىشنىڭ بىر تۈرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

رابىيە خانىم ئاخىرىدا، ئوباما ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە ھەمدە كېلەر ئايدا جەنۋەدە چاقىرىلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ھەمدە تەپسىلىي دوكلات تەييارلاشقا چاقىردى.