2009.01.21

ئەسلىدە باراك ئوبامانىڭ نۇتقىدا، ئامېرىكىنىڭ كومۇنىزىمغا قارشى غەلىبىسىنىڭ يالغۇز ھەربىي كۈچكە تايىنىپ ئەمەس، مۇستەھكەم بىر ئېتىقاد ۋە ھەمكارلىق بىلەن بولغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. كوممۇنىزم دۈشمەن سانالغىنى ئۈچۈن، خىتاي مەتبۇئاتى بۇ جۈملىنى كېسىپ تاشلىغان. نۇتۇقتا يەنە دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ تۇيۇق يولدا ئىكەنلىكى ئاگاھلاندۇرۇلغان ۋە ئۇلار توغرا يول تېپىۋېلىشقا چاقىرىلغان، بۇ قىسمىمۇ خىتاي مەتبۇئاتىدا چىقىرىپ تاشلانغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جياڭ يۈ بۈگۈن ئامېرىكا – خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: » بىز ئامېرىكىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيىلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ ھەم يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن كۆزىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇنىڭ نەتجىسىدە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا بىر – بىرىنىڭ نېگىزلىك مەنپەئەتلىرىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، ئۆز – ئارا ھەمكارلىقىنى ساغلام ۋە مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمىز». خىتاي تەكىتلەۋاتقان نېگىزلىك مەنپەئەت خىتاي ئۈچۈن زېمىن پۈتۈنلۈكى، كومپارتىيىنىڭ رەھبەرلىكى قاتارلىق يىللاردىن بېرى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىگە چېتىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان مەسىلىلەردۇر. جياڭ يۈ يەنە باياناتىدا، خىتاينىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى سەزگۈرلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن ۋە ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي كۈندىلىك گېزىتى بۈگۈنكى باش ماقالىسىدە، پرېزىدېنت ئوباماغا تىلەك ۋە تەكلىپلەر سۇنغان. ماقالىدە، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئىلگىرىلەش پەيدا قىلغانلىقىنى بايان قىلغان ۋە پرېزىدېنت ئوبامانى، جورج بۇشنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرغان.
بۇش دەۋرىدىكى ئامېرىكا – خىتاي مۇناسىتى قويۇقلاشقان بولسىمۇ، ئىككى تەرەپ تەيۋەن مەسىلىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەردىكى پەرقلىق مەيدانىنى كۆرسىتىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىنى بايان قىلماقتا. ئەمما، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسئۇلى Dennis Wilder ئەپەندى دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىغا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ بۇش دەۋرىدە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە چوڭ ئىشلارنى قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ: بۇش ھۆكۈمىتى رابىيە قادىرغا ئوخشاش تالانتلىق بىر لىدەرنى خىتاي تۈرمىسىدىن ئېلىپ چىقتى، بۇنىڭ بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جانلىق بىر يولباشچىسى بار بولدى.
دەننىس ۋىلدەر يەنە جورج بۇشنىڭ رابىيە قادىر خانىم ۋە دالاي لامانى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئىنسان ھەقلىرىگە بېرىلگەن ئەھمىيەت دەپ كۆرسىتىدۇ.
نۆۋەتتە خىتاي، ئوباما دەۋرىدىكى ئامېرىكا – خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنىڭ بۇش دەۋرىگە نىسبەتەن بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. چۈنكى ئوباما تەرىپىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا كۆرسىتىلگەن ھىللارىي كلىنتون، ئوتكەن ھەپتە ئامېرىكا – خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ خىتاينىڭ پوزىتسىيىسىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوبامانىڭ تۈنۈگۈنكى نۇتقىدا دىكتاتور دۆلەتلەرگە مەخسۇس خىتاب قىلىشى، خىتاينىڭ ئەندىشىسىنى كۈچلەندۈرگەن.
خىتاي كۈندىلىك گېزىتى بۈگۈنكى باش ماقالىسىدە، دۇنيانىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلىتى بىلەن ئەڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلىتىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشنىڭ ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا – خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈمىدسىز قارايدىغانلىغىنى ئاشكارىلايدۇ.
خىتاينىڭ ئەندىشىە قىلغىنغىنىدەك، باراك ئوباما تۇنجى ئىشىنى ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدىن باشلىدى. ئۇ بۈگۈن گۈەنتانامودىكى ھەربىي سوتنىڭ سوتلاش خىزمىتىنى 120 كۈنگىچە ئىجرائاتتىن توختاتتى. بۇنىڭ بىلەن گۈەنتانامو مەھبۇسلىرىنىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىنىشىنىڭ يولى ئېچىلدى.