شىۋېتسىيىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمىگە يۇنۇس ھاجىم قەشقىرى تەخەللۇسلۇق بىر ئۇيغۇر، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئاتۇشتا نۇر بەكرىنىڭ ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش، رابىيە قادىرنى تەنقىدلەش ھەققىدىكى دوكلاتىنى تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى، خەلقنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس ۋە تەلەپلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.01.13
rabiye-yawropa-305ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ 2007 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻴﯘﻥ ﭘﺮﺍﮔﺪﺍ.
ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمىگە يەرلىك ئەھۋالنى سۆزلەپ بەرگەن يۇنۇس ھاجىم قەشقىرى تەخەللۇسلۇق ئۇيغۇر ھەقىقىي ئەھۋالنى سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن ھەر قانداق يامان ئەھۋالغا تەييار ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. بۇ تېلېفون خاتىرىسى ھازىر ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمىنىڭ قولىدا.

›نۇر بەكرى ئادەم ئەمەسكەن، رابىيە قادىر ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئانىسى ئىكەن‹

ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئاتۇش خەلقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرى بىلەن چەتئەلدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى سېلىشتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىرنى تەنقىدلەش ھەققىدىكى ھازىرقى تەشۋىقاتىنى رەت قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەش‹ دېگەن مەسىلىدىمۇ، نۇر بەكرى بىلەن رابىيە قادىرنىڭ قايسىسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى، كىمنىڭ ئۆزىگە كېرەك ئادەم ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ›نۇر بەكرى ئادەم ئەمەسكەن، رابىيە قادىر ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئانىسى ئىكەن‹ دېگەن.

يۇنۇس ھاجىم قەشقىرى ئامېرىكىدىن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا خىتاينىڭ كاشىلا قىلىشىدىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلغان

ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، يۇنۇس ھاجىم قەشقىرى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇرچە پروگراممىلىرىغا خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق كاشىلا قىلىۋاتقانلىقىنى شىكايەت قىلغان ۋە ئامېرىكىدىن يېڭى تېخنىكا قوللىنىپ، بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.