ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 4 – قېتىملىق «ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۆزدىن كەچۈرۈش» يىغىنى 2009 – يىلى 2 – ئاينىڭ 2 – كۈنىدىن 13 – كۈنىگىچە جەنۋەدە ئۆتكۈزىلىدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.01.09
Duq-S.T-H.E-Reshat-G.-305ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 1 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8 – ﻛﯜﻧﻰ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺳﯧﻴﯩﺖ ﺗﯜﻣﺘﯜﺭﻙ ﯞﻩ ﺧﻪﻳﺮﯗﻟﻼ ﺋﻪﻓﻪﻧﺪﯨﮕﯩﻞ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ، ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻫﻪﻳﺌﯩﺘﻰ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ.
بۇ قېتىمقى يىغىندا خىتاي قاتارلىق 16 دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئومۇميۈزلۈك كۆزدىن كەچۈرۈلىدىكەن.

خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنى 2 – ئاينىڭ 9 – كۈنىدىن 11 – كۈنىگىچە ئۆتكۈزىلىدىكەن. د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن ب د ت مۇتەخەسسىسى جوشا كوئوپېر ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىپ چىقىلغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى مەخسۇس دوكلات د ئۇ ق قا ئەزا تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكلىرى، پارلامېنتلىرى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىكلىرىگە سۇنۇلماقتا.

1 – ئاينىڭ 8 – كۈنى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ۋە خەيرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندىدىن تەركىپ تاپقان ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى ، سابىق دۆلەت مىنىستىرى رىشات دوغرۇ، پارلامېنت ئەزاسى ئۆمەر دىنچەر ئەپەندى، ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى ئەزاسى شەنول بال خانىملار بىلەن ئۇچرىشىپ يۇقىرىدىكى ماتېرىياللارنى سۇندى.

تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرى، د ئۇ ق ھەيئىتىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئۇلار بەرگەن دوكلاتقا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتكەندىن كېيىن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىمىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ۋە خەلقئاراغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن قوللىرىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.

تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرى، د ئۇ ق ھەيئىتىگە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە يەنە نېمىلەرنى دېدى؟ بۇ ھەقتە، يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ د ئۇ ق ھەيئىتىدىكىلەر بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.