2009.01.09

خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 30 يىل توشتى

ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 30 يىل توشتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەر ئىككىلا تەرەپ تۈرلۈك شەكىلدىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزدى.

ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون نىگرىپونتې پەيشەنبە كۈنى پرېزىدېنت بۇش دەۋرىدە خىتاي – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ ئالدىدا، يەنى 4 – يانۋار كۈنى پرېزىدېنت بۇش بىلەن خۇ جىنتاۋ تېلېفوندا سۆزلىشىپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇ جەرياندا كۈنسايىن ساغلام تەرەققى قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىگروپونتى پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاساسلىقى بىخەتەرلىك ۋە دۇنيا ئىقتىسادى كرىزىسنى ھەل قىلىش مەسىلىلىرىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئامېرىكا بىلەن خىتاي 1979 – يىلى، رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بولۇپ، بۇنىڭدا خىتاي تەرەپتىن دېڭ شياۋپىڭ مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى .

ئەنگلىيىلىك يازغۇچى ۋورتىڭتون گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھۆرلۈك تىلىدى

ئەنگلىيىلىك يازغۇچى ئەندي ۋورتىڭتون گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان غەرب يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ يېقىندا يېڭىدىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىدىغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباماغا قارىتىپ، «باراك ئوباماغا يېڭى يىللىق مەكتۇپ: گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا ھۆرلۈك» دېگەن ماۋزۇدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى.

ئەندي ۋورتىڭتون ماقالىسىدە گۇئانتانامودىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ، » گەرچە ئادالەت بۇلار تەرەپتە بولسىمۇ، ئەمما گۇئانتاناموغا قامالغان مەزكۇر 17 ئۇيغۇرنىڭ پېشانىسى تەتۈر كەلمەكتە ئىدى» دەپ يازىدۇ.

د ئۇ ق رەھبەرلىرى غەرب ئەللىرىنىڭ بېرلىندىكى باش ئەلچىلىرى بىلەن سۆھبىتىنى باشلىدى

د ئۇ ق رەھبەرلىكى قۇرۇلتاي رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ گېرمانىيە پايتەختى بېرلىن شەھىرىدىكى باش ئەلچىخانىلىرىغا مەكتۇپ يوللاپ، گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى غەرب ئەللىرىگە يەرلەشتۈرۈش ھەمدە بۇ يىل 2 – ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇت مەسىلىلىرىنى بىلدۈرۈش ھەرىكىتى باشلىغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن د ئۇ ق باش شىتابى ئۈچ كىشىلىك بىر ھەيئەت تەشكىللەپ، 6 – يانۋار كۈنىدىن ئېتىبارەن بېرلىندىكى غەرب ئەللىرى باش ئەلچىلىرى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان سۆھبىتىنى باشلىۋەتكەن.

چۈنكى، بىر قىسىم دۆلەت ئەلچىخانىلىرى د ئۇ ق نىڭ خەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشكە رازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

قۇمۇلدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر خاتىرىلەندى

3 ‏ – يانۋار كۈنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى ، مەشھۇر يازغۇچى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى قۇمۇلدىكى ھەر ساھە كىشىلەر قۇمۇل شەھىرىدىكى » ئىۋېرغول رېستورانى» دا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تۇغۇلغانلىقىنىڭ 85 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن.

بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى جىددىي خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە ئالىمنى خاتىرىلەش، ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشتى.

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز «، «ئويغانغان زېمىن» ناملىق رومانلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى سىياسىي كەچۈرمىشلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بولۇپ، ئەسەر ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىنى چۈشىنىشتە مۇھىم رول ئوينىغان ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان .

فرانسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى يىغىن ئۆتكۈزدى

فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىگە جايلاشقان فرانسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىغا ئۇزۇن بولمىسىمۇ، لېكىن بىر قاتار مۇھىم پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى.

مەزكۇر كومىتېت 3 – يانۋار كۈنى پارىژدا يىغىن چاقىرىپ، 2008 – يىللىق خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلىدى ۋە 2009 ‏ – يىللىق خىزمەت پىلانلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

فرانسىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئانچە كۆپ ئەمەس، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەنلەر بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى پارىژ قاتارلىق شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن.

رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنىيە ئارىسىدىكى تەبىئىي گاز جېدىلى ئۆتكۈرلەشتى

ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى غەززە رايونىنى بومباردىمان قىلىش ۋە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىۋاتقان بۇ كۈنلەردە رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنىيىنىڭ تەبىئىي گاز كۈرىشى كۈچەيدى.
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنىيە ئارىسىدىكى تەبىئىي گاز باھاسىدىكى بىرلىككە كېلەلمەسلىك تۈپەيلىدىن، رۇسىيە تەرەپ 1 – يانۋاردىن ئېتىبارەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنى گاز بىلەن تەمىنلەشنى ئازلاتقان بولۇپ، 7 – يانۋار ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 12 دۆلەت ئۆزلىرىگە كېلىدىغان رۇسىيە گازلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى نارازىلىق ئىپادىلىگەن بولۇپ، رۇسىيە تەرەپ ئۇكرائىنىيىنىڭ ياۋروپا ئۆتىدىغان گاز يوللىرىنى تاقىۋالغانلىقىنى ئەيىبلىگەن بولسا، ئۇكرائىنىيە رۇسىيىنىڭ گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ئاخىرى ئىككى تەرەپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، باش مىنىستىر پۇتىن ياۋروپانى گاز بىلەن تەمىنلەشنىڭ پات ئارىدا ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيە ئۇكرائىنىيىگە بېرىدىغان گاز باھاسىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئۇكرائىنىيە بۇنىڭغا قارشى چىققان ھەمدە ئەگەر رۇسىيە باھانى ئۆستۈرسە، ئۇكرائىنىيە تەرەپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئۆتىدىغان رۇسىيە گازلىرىنىڭ ئۆتۈش باھاسىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مۇتەخەسسىسلەر رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنىيە ئارىسىدىكى تەبىئىي گاز مەسىلىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە خەلقئارا سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى، يەنى ناتونىڭ شەرققە كېڭىيىشنىڭ رۇسىيىنى بىئارام قىلغانلىقى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى تەھلىل قىلىشماقتا.