2009.01.07

ىر ئايدىن بۇيان، غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ گېرمانىيە پايتەختى بېرلىن شەھىرىدىكى باش ئەلچىخانىلىرىغا مەكتۇپ يوللاپ، گۇئانتانامو ئۇيغۇرلىرىنى غەرب ئەللىرىگە يەرلەشتۈرۈش ھەمدە بۇ يىل 2 – ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدىن ئىلگىرى، شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان خىتاي زۇلۇمى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن ئۆزارا ئۇچرىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىخانىلىرى د ئۇ ق نىڭ بۇ مەكتۇپلىرىغا جاۋاب يوللاپ، د ئۇ ق رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن د ئۇ ق باش شىتابى ئۈچ كىشىلىك بىر ھەي`ئەت تەشكىللەپ، 6 – يانۋار كۈنىدىن باشلاپ بېرلىندا غەرب ئەللىرى باش ئەلچىلىرى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان سۆھبىتىنى باشلىۋەتكەن.
د ئۇ ق باش كاتىپى، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللەر ئۆمىكى، بىرىنچى بولۇپ 6 – يانۋار كۈنى پورتۇگالىيە ۋە فىلىپپىننىڭ بېرلىندىكى باش ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ باش ئەلچىلەر بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتنىڭ تەپسىلى مەزمۇنىنى ۋاقتىنچە ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ناھايىتى ئىجابىي ۋە نەتىجىلىك بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. مەلۇمكى، پورتۇگالىيە تەرەپ گۇئانتانامودىكى مەھبۇسلاردىن 60 نەپىرىنى قوبۇل قىلىش ئىپادىسىنى بىلدۈرگەن بىر دۆلەت ئىدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ پىكرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇلارنىڭ گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلاردىن مەلۇم بىر قىسمىنى قوبۇل قىلىش ئېھتىمالىنى چەتكە قاققىلى بولمايدىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بېرلىندا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ پائالىيىتى داۋاملاشماقتا. كۆپلىگەن غەرب دۆلەتلىرى ئەلچىخانىلىرى بىلەن ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە داۋاملىق ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، گېرمانىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ۋە ھەر قايسى پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ، گۇئانتانامو ئۇيغۇرلىرىنى گېرمانىيىگە تېخىمۇ كۆپرەك يەرلەشتۈرۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدىكەن.