ھەر قايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار 2009 ‏- يىلىنى كۈتىۋېلىش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇپ يىڭى يىلنى يېڭى قەدەم بىلەن باشلىدى. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىرگە يېڭى يىلنى قۇتلۇقلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2009.01.01
rabiye-yawropa-305ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ 2007 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻴﯘﻥ ﭘﺮﺍﮔﺪﺍ.
2009 ‏- يىلى يېتىپ كىرىشى مۇناسىۋىتى بىلەن رادىئومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ يېڭى يىللىق تىلەكلىرى ۋە يېڭى يىلدا ئېلىپ بارىدىغان يېڭى پىلانلىرى ئۈستىدە توختالغان رابىيە قادىر خانىم، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.