2008.12.31
كېچىلىك پائالىيەت جەريانىدا مېھمانلار مىللىي تائاملارغا ئېغىز تېگىپلا قالماي، مىللىي ناخشا، مۇزىكىلارنى شۇنداقلا خالىسانە گۇرۇپپىلارنىڭ ئورۇنلىشىدىكى » تەنلىرىم ياپراق»، » بىزنىڭ مارشىمىز» دېگەن كوللىكتىپ ناخشا ۋە مارشلارنى ئاڭلىدى ھەمدە ئۇسۇل ئوينىدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى يېڭى يىل كېچىلىكى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا يېڭى يىلنى «قېرىنداشلارنىڭ ئۈز – ئارا ئۇچرىشىپ، بىرگە تەنتەنە قىلىدىغان ياخشى پۇرسەت » دەپ تەكىتلىگەن.
يېڭى يىل كېچىلىكى ئۆتكۈزۈش ئىسلام ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئارىسىدا بەك ئومۇملاشمىغان بىر پائالىيەت بولسىمۇ، لېكىن غەرب ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆز – ئارا ئۇچرىشىپ، دىدارلىشىدىغان ۋە مۇڭدىشىدىغان ياخشى پۇرسەت، دەپ قارىلىدۇ.
ۋاشىنگتون ۋاقتى بىلەن سائەت 7:00 لەردە باشلانغان كېچىلىك ئەتىسى تاڭ سەھەر سائەت 1:00 گە قەدەر داۋام قىلدى.