مەركىزى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى پەيشەنبە كۈنى، » ب د ت نىڭ يەرلىك مىللەتلەر ھوقۇقى خىتابنامىسى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك مىللەتلىك ھوقۇقى» دېگەن ماۋزۇدا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ھەر بىر ساھەسىدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2008.12.11
دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ب د ت ماقۇللىغان يەرلىك مىللەتلەر ھوقۇقى خىتابنامىسىغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ كونكرېت ئىپادىلىرىنى تەپسىلىي مىساللار بىلەن چۈشەندۈرگەن ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مائارىپى، مەتبۇئاتى ياكى خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئىشلىرىغا ئۆزلىرى ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى، ئاپتونوم رايون ھۆكۈمىتىدە ئۆز پىكرىنى ئاڭلىتالمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى بايلىقلاردىن مەنپەئەتدار بولالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، دىنىي ۋە تىلى خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دوكلات توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم مۇنداق دەيدۇ: » ب د ت نىڭ يەرلىك مىللەتلەر ھوقۇقى خىتاپنامىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى ھەر قايسى ساھەلەر بۇيىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە يەكلەنمەكتە».

خىتاي 2007 ‏ – يىلى 13 ‏ – سېنتەبىر كۈنى ب د ت غا ئەزا 142 دۆلەت قاتارىدا ب د ت نىڭ يەرلىك مىللەتلەر ھوقۇقى خىتابنامىسىغا قول قويغان ئىدى.