خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا «مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش سىياسىي ئۆگىنىش ماتېرىيالى تەييارلاپ، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر بىر قاتلام ھەر بىر ساھەگىچە تارقاتقان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008.12.02
جايلاردىكى خىتاي دائىرىلىرى مەخسۇس مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، «رابىيە قادىر باشلىق مىللىي بۆلگۈنچىلەر» نى تەنقىدلەش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان بۇ خىل سىياسىي ئۆگىنىش ماتېرىيالىنى ھەر بىر ئۇيغۇر دېھقاننىڭ قولىغا قەدەر تولۇق يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلغان بولسىمۇ، نۇرغۇن دېھقانلار ساۋاتسىز بولغاچقا، ماتېرىيالنى قولىغا ئالغان بولسىمۇ چۈشىنەلمىگەن.

ئۇيغۇر ئېلى يەرلىك خەۋەر مەنبەلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە،دائىرىلەر بۇنىڭغىمۇ يېڭى ئامال تاپقان بولۇپ،ئاقتۇ ناھىيىسى دائىرىلىرى تارقىتىلغان مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى دېھقانلارنىڭ قۇلىقىغا ۋە مېڭىسىگە قۇيۇش ئۈچۈن ھەر بىر ئائىلىگە بىردىن ماتېرىيال ئوقۇپ بەرگۈچى تەيىنلىگەن، يەنى ھەر بىر دېھقان ئائىلىسىدە ساۋادى باردىن بىرىگە كۈندە كەچلىك تاماقتىن كېيىن ھۆكۈمەت تارقاتقان مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ماتېرىيالىنى ئوقۇپ بېرىپ، سىياسىي ئۆگىنىشكە تەشكىللەشنى ۋەزىپە قىلغان.

بۇ سىياسىي ئۆگىنىش ماتېرىياللىرى ئوقۇپ بەرگۈچىلىرىنىڭ ۋەزىپىسى، دېھقانلارغا ماتېرىياللارنى ئوقۇپ بېرىشلا ئەمەس يەنە دېھقانلارنى بۇ ئۆگىنىشتىن كېيىن تەسىرات ئىپادە بىلدۈرۈشكە ئۇيۇشتۇرۇپ، مەزكۇر ماتېرىيالنىڭ دېھقانلارغا %100 يەتكۈزۈلۈشى، ئاڭلاپ چۈشىنىپ، يۈرىكىدىن قايىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ھەم ئىپادىسىنى خاتىرلەپ تۇرۇش ئىكەن.

ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ئون بېشى ۋەزىپىسىگە قويۇلغانلار نۆۋەتتە ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ، دېھقانلارنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى سىياسىي ئۆگىنىشى ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ يۇقىرىغا دوكلات قىلىپ تۇرىدىكەن.