ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم يېقىندا ئامېرىكىنىڭ مشىگېن شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2008.11.21
MIT-Rabiye-Micphon-305.jpgﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ 2007 – ﻳﯩﻠﻰ 15 ‏- ﻣﺎﻱ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﺳﺘﯘﻥ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﺎﺳﺎﭼﯘﺳﺴﯩﺖ ﺗﯧﺨﻨﯩﻚ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺵ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻟﯩﻜﺴﯩﻴﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻯ .
رابىيە قادىر خانىمنىڭ مەزكۈر پائالىيىتى ئۈچۈن كۆپ كۈچ سەرىپ قىلغان، تۈركىيە قوچ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى تۆمۈر غوجا ئەپەندى، نۆۋەتتە مىشىگېن شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتىتىدا خىتاي، ھىندىستان ۋە رۇسىيىنىڭ مەركىزى ئاسىيادىكى سىياسىتى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەخسۇس تەتقىقاتقا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان بولۇپ، تۆمۈر غوجا ئەپەندى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ تۈركىيىدىمۇ كەڭ تەشۋىق قىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ رابىيە قادىر خانىم ۋە پروفېسسور تۆمۈر خوجا ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.