2008.11.18

ھامىلىنىڭ 3 – قېتىملىق قۇتۇلۇشىغا ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەۋەب بولدى. باش ئەلچى سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىدى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئىلى ئوبلاستلىق ئانا – بالىلار دوختۇرخانىسىدا ئارزۇگۈل تۇرسۇننىڭ بالىسىنى چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيىسى بولماقچى ئىدى.
بىز دەل مۇشۇ پۇرسەتتە مەزكۇر دوختۇرخانىغا تېلېفون ئاچتۇق. دوختۇرخانىدىكى خادىم، ئوپېراتسىيىنىڭ تېخى باشلانمىغانلىقىنى، رەھبەرلەرنىڭ بۇ ئىشنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى، دوختۇرلارنىڭ يۇقىرىدىن بۇيرۇق كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز بۇ دوختۇرخانىغا ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 7 دە يەنە بىر قېتىم تېلېفون قىلدۇق. سېستىرالار ئارزۇگۈل تۇرسۇننىڭ چۈشتىن كېيىن سائەت 4:25 تە دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىنى بىلدۈردى. بىز ئارزۇگۈل تۇرسۇننىڭ ھامىلىسىنى چۈشۈرۈشكە مەسئۇل خادىم رەشىدەدىن ئەھۋال ئىگىلىدۇق. ئارقىدىنلا ئارزۇگۈل تۇرسۇننىڭ دادىسىنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلدۇق.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، بىر ھەپتىدىن بېرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى كىرىستوفېر سىمىت، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىئو پىتتس، ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كلارىك رەنت قاتارلىق ئەربابلار ئارزۇگۈل تۇرسۇن مەسىلىسىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى.
بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئامېرىكا باش ئەلچىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بارغان دىپلوماتىك ئالاقىلىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.