2008.11.14

12 – نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى خاتىرىلەندى

ھەر يىلى 11 – ئاينىڭ 12 – كۈنى، 1933 – يىلى ۋە 1944 – يىلى،12 – نويابىر كۈنلىرى بىرىنچى قېتىم قەشقەردە، ئىككىنچى قېتىم غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خاتىرە كۈنى سۈپىتىدە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى تەرىپىدىن خاتىرىلىنىدۇ.

بۇ يىلمۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۇ كۈنى خاتىرىلەپ، تۈرلۈك شەكىلدە پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇردى. بۇ خىلدىكى پائالىيەت ئەنقەرەدە ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئەنقەرەدىكى گازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىلىشقا 800 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان.

بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركىيىگە تونۇلغان ئالىملار، زىيالىيلار، دۆلەت ئەربابلىرى بار بولۇپ، تۈركىيە باش مىنىستىرى تايىپ ئەردوغان قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەت رەھبەرلىرى تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتكەن. جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى يەنە ئىستانبۇلدىمۇ ئۇيۇشتۇرۇلغاندىن سىرت، ياۋروپادىكى گېرمانىيە، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە ھەم قازاقىستان، قىرغىزىستانلارمۇ بۇنىڭ سىرتىدا قالمىغان.

بۇ يىلقى جۇمھۇرىيەت كۈنى پائالىيىتى 2008 – يىلىنىڭ ب د ت تەرىپىدىن مەھمۇت قەشقەرى يىلى قىلىپ بېكىتىلىشى سەۋەبىدىن مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىغىمۇ بېغىشلانغان.

كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا ئائىت يىغىن ئېچىلدى

7 – نويابىر كۈنى، ئامېرىكىنىڭ    شەھىرىدىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «خىتاي، مەركىزىي ئاسىيا ۋە ئۇيغۇرلار» ماۋزۇسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ يىغىننى، كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قارىمىقىدىكى «ئىچكى ياۋرو – ئاسىيا جەمىيەتلىرى تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشكىلاتى» مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، كەچ سائەت 6 دىن 8 غىچە داۋاملاشقان مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گاردنېر بوۋىڭدون، جورجىتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېمىس مىللىۋارد، جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شون روبېرت ھەمدە بىر نەپەر ئۇيغۇر دوكتور بولۇپ، جەمئىي تۆت نەپەر ئۇيغۇرشۇناس ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا ئائىت ئۆز مۇھاكىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىنغا 200 ئەتراپىدا ئادەم قاتناشقان بولۇپ، نيۇيورك ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئاكتىپ قاتناشقان شۇنىڭدەك ئۇيغۇرچە تاماقلار تەييارلاپ بەرگەن.

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مىللەتلەر ۋە دىنلار ئارا دىئالوگ يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرىدىكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاي ۋە خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ھەمدە دىنلار ئارا دىئالوگ مۇھاكىمە يىغىنى 7 ‏ – نويابىردىن 9 – نويابىرغىچە ئۆتكۈزۈلدى.

بىز يىغىنغا، خىتاي، تىبەت، ئۇيغۇر ۋە ئامېرىكىلىقلاردىن بولۇپ،150 كە يېقىن ئادەم قاتناشقان. يىغىندا خىتاي دېموكراتلىرى، تىبەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلغاندىن سىرت يەنە ئۇيغۇرلاردىن سابىق ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمئىيىتى رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى ۋە پائالىيەتچى ئىلشات ئەپەندىلەرمۇ سۆز قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىرنىڭ يىغىنغا يوللىغان مەكتۇپى ئوقۇپ ئۆتۈلگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئۆزىنىڭ 2008 ‏ – يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

289 بەتلىك مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ ئىنسان ھوقۇقى، ئەمگەك ھوقۇقى ۋە باشقا تۈرلۈك مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن سىرت يەنە ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن. بۇ دوكلاتنىڭ ئۆتكەن يىلدىكىسىدىن پەرقلىق بىر تەرىپى شۇكى، ئۇنىڭدا مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا ئائىت بۆلۈم ئاجرىتىلغان بولۇپ، دوكلاتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ھوقۇقلىرىغا ئائىت مەسىلىلەر ئومۇميۈزلۈك ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتنىڭ بۇ قىسمىدا يەنە، توختى مۇزات، ئابدۇغېنى مەمتىمىن، ئابدۇللا جامال، ئابدۇخېلىل زۇنۇن، نۇرمۇھەممەت ياسىن ۋە كۈرەش ھۈسەيىنلەر بىلەن بىر قاتاردا، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ سابىق خىزمەتچىسى مەھبۇبە ئابلەش ھەمدە د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرى تىلغا ئېلىنغان.

غۇلجىدا يۈز بەرگەن پىلانلىق تۇغۇت پاجىئەسى

بىر قانچە كۈن ئالدىدا غۇلجا ناھىيىسىنىڭ دادامتۇ يېزىسى، بۇلاق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئارزۇگۈل ۋە نۇرمۇھەممەدلەرنىڭ ئائىلىسىدە بىر پاجىئە يۈز بەرگەن.

ئارزۇگۈلنىڭ ئۈچىنچى پەرزەنتى يەنە قورسىقىدىكى ئالتە يېرىم ئايلىق ھامىلە مەجبۇرىي چۈشىرىۋېتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، بۇ مەسىلە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى قوزغىغان ھەمدە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئەربابلىرى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزاسى كىرىستوفېر سمىت بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ مەزكۇر مەسىلە ھەققىدىكى نارازىلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى ئەلچىسىگە بىلدۈرگەن.

ۋاشىنگتوندا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مۇزېيى ئېچىلدى

ئامېرىكىدىكى «جۇڭگو لاۋگەي فوندى جەمئىيىتى» نىڭ مەسئۇلى خەررىي ۋۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرىنى تەكشۈرگەن ۋە بۇ ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ بىرىدۇر.

خەررىي ۋۇ ۋاشىنگتوندا خىتاينىڭ لاۋگەي سىستېمىسى، ئەمگەك لاگىرلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكى ئاساسى تېما قىلىنغان » لاۋگەي مۇزېيى» ئاچقان. مۇزېينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى چارشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

ئاررىي ۋۇ ئۆزىنىڭ بۇ كۆرگەزمىسىگە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك بۇيۇملارنىمۇ قويغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ خىتاي بويىچە مۇھىم لاۋگەي مەيدانى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.