ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008.11.12
2008.11.12

خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەرىكەتنى ھەتتا » يېزا - كەنتلەردە ئائىلىلەرگىچە كىرىش » پىلانى بۇيىچە كېڭەيتىپ ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرى بېسىم بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىلدىكى ئىدېئولوگىيە ساھەسى بۇيىچە رابىيە قادىرنىڭ ھەمدە مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىلىرىنىڭ تەسىرىنى تازىلاش ھەرىكىتى باشلىغانلىقى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم » خىتاي رابىيە قادىرنىڭ تەسىرىنى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدىن تازىلاپ تۈگىتەلمەيدۇ ، چۈنكى مېنىڭ نامىم خەلقىمنىڭ ئەركىنلىك ئارزۇسى بىلەن بىرىكىپ كەتكەن …» دەپ بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ رابىيە قادىر خانىم بىلەن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.