ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008.11.11
2008.11.11
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قىزىلسۇدىكى بۇ قېتىملىق سىياسىي ئۆگىنىش ھەرىكىتىنىڭ قاراتمىلىقى ئېنىق بولۇپ، خىتاينىڭ مىللىي ھەم دىنىي سىياسىتىنى ئۆگىنىش، ئولىمپىك ئالدىدا ئاۋغۇستتا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ تېررورىست ھۇجۇملىقىنى تونۇش ۋە تەنقىد قىلىش، رابىيە قادىرنى سۆكۈش، ھېزبۇل – تەھرىر قاتارلىق بىدئەت تەشكىلاتلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك، قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى توسۇش قاتارلىقلار بولۇپ، دائىرىلەر بۇ ئۆگىنىشتە بولۇپمۇ خەلقنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ خەلقئارادا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىك، خىتاينى پارچىلاش قۇتراتقۇلۇق ھەرىكەتلىرى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى كۈچلۈك تەنقىدلەش، تەھدىت قىلىش، پەرزەنتلىرىنى تۈرمىگە ئېلىش، ئوبرازىنى سەلبىلەشتۈرۈش ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي،دىنىي، ھەم مىللىي مەنپەئەتىنى قوغداش يولىدا،تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى توسۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، ھالبۇكى رابىيە قادىر» ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى » دېگەن بۈيۈك نام بىلەن ئاتالغاندىن كېيىن ئۇدا ئۈچ قېتىم نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلىپ كەلدى.