ئامېرىكىنىڭ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاي ۋە خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ھەمدە دىنلار ئارا دىئالوگ مۇھاكىمە يىغىنى 7 ‏- نويابىر كۈنى باشلىنىپ، 3 كۈن داۋاملاشتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2008.11.10
Xitay-dialog-uyg-ilshat-305.jpgﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺩﯨﻨﻼﺭ ﺋﺎﺭﺍ ﺩﯨﺌﺎﻟﻮﮒ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ 7 ‏ – ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﺭﯞﺍﺭﺩ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﺪﻯ. ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻙ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﺸﺎﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ.
بىز يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق، ئىگىلىشىمىزچە، يىغىننىڭ كېيىنكى كۈن تەرتىپلىرىدە يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ سانى 150 كە يەتكەن ، يىغىنغا گەرچە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، ئەمما رابىيە خانىمنىڭ يىغىن ئەھلىگە يوللىغان نۇتۇقى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماستىرلىقنى پۈتتۈرۈپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئەلنىگار ئاا خانىم تەرىپىدىن يەتكۈزۈلگەن ۋە يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

يىغىنغا يەنە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ھەمدە ئاكتىپ پائالىيەتچى ئىلشات ئەپەندىلەر قاتنىشىپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا ناھايىتى تەپسىلىي تونۇشتۇرغان.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تەرەققىياتلىرى توغرىسىدا سىلەرگە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن بىز ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى زىيارەت قىلدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبەت زىيارىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.