2008.11.09
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ 2008 – يىللىق دوكلاتىنىڭ بىر ئۆزگىچىلىكى شۇكى، ئىلگىرىكى دوكلاتلاردا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس ئايرىم بۆلۈم ئاجرىتىلمىغان، ئەمما بۇ يىللىق دوكلاتىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەيدىغان مەخسۇس بىر بۆلەك ئاجرىتىلىپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى، ئەمگەك يەنى ھەقسىز ئىشلىتىش مەسىلىلىرى، سىياسىي پىكرى ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈن جازاغا يولۇقۇش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەسىلىسى قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەر يورۇتۇلغان، مىسال ئۈچۈن يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىن، ئابدۇلغېنى قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنغان شۇنىڭدەك رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرى ئاتاپ ئۆتۈلۈپ، بۇ كىشىلەرنىڭ سىياسى پىكرى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان.
دوكلاتتا يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنە شۇ خىل ۋەزىيىتىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش ھەمدە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قانداق چارە قوللىنىش ھەققىدە تەكلىپ سۇنۇلغان.