2008.11.07

يىغىننى ئامېرىكىدىكى» پۇقرالار كۈچى» نامىدىكى دېموكراتچى خىتاي تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان، ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر قىسىم پروفېسسورلىرى ۋە خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرى يىغىن جەريانىنى كۆزەتمەكتە. يىغىنغا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسى خانىم، تىبەت دىنىي داھىسى دالاي لاما، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى رابىيە قادىر خانىملار تەبرىكنامە ئەۋەتكەن.
بۈگۈن يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنى بولۇپ، ئېچىلىش مۇراسىمىدا ھەر قايسى تەشكىلات ۋە گۇرۇپپىلارنىڭ ۋەكىللىرى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىلشات ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئىككى تۈرلۈك تەنقىد پىكىر سۇنغان.
يىغىندا نۆۋەتتە خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ خاراكتېرى ۋە كېلەچىكى ھەققىدە سۆھبەتلەر بولغان. ئىلشات ئەپەندى بۇ ھەقتە تۆۋەندىكىچە پىكىرلەرنى بايان قىلغان.
يىغىن جەريانىدا يەنە، خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشىنىڭ خىتايدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە پىكىرلەر بايان قىلىنغان.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، خىتاي دېموكراتچىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش – ھەمكارلاشماسلىق مەسىلىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئارىسىدا تالاش – تارتىشلىق بىر تېمىدۇر. ئىلشات ئەپەندى بولسا شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى ئاشكارا قوللىغان خىتاي دېموكراتچىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى پايدىلىق دەپ قارىغۇچىلاردىن.