مىللەت ۋە دىنلار ئارا دىئالوگنىڭ 4 – نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، 7 – نويابىر ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا باشلاندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008.11.07
مەزكۈر مۇھاكىمىگە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بوستون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر قىسىم پروفېسسور ھەمدە ئوقۇغۇچىلىرى، خىتاي دېموكراتلىرى، بىر قىسىم ئادۋوكات ھەمدە مۇستەقىل تەشكىلات ۋەكىللىرى شۇنىڭدەك ئوخشىمىغان مىللەت ھەم ئوخشىمىغان دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار قاتناشقان بولۇپ، ئامېرىكىدا يىلدا بىر نۆۋەت ئۇيۇشتۇرۇلۇۋاتقان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمىگە يىغىنىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.

مەزكۈر مۇھاكىمە پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى، خەلقئارا ئادۋوكاتلار ۋە دوختۇرلار جەمئىيىتى، خىتاي ئوقۇغۇچى ۋە زىيالىيلار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، خىتايدىكى ھەر خىل مىللەت ھەم دىندىكىلەرنى ئۆزلىرى ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق،خىتايدا دېموكراتىيىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئوخشىمىغان ئېتنىك ۋە دىندىكىلەرنىڭ بىرلىككە كېلىشنى مەقسەت قىلغان.

بۇ نۆۋەتلىك مۇھاكىمىگە تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر مىللىي رەھبىرى رابىيە قادىر ئۆزى كېلەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ نۇتقى مەزكۈر يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللەر تەرىپىدىن ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

رابىيە خانىم مەكتۇبىدا «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇدىيىتىنىڭ خىتاينىڭ ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىنىڭ خەتىرىگە ئۇچراۋاتقانلىقى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك ئالدى ‏ – كەينىدە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتىنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرگەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۆرسەتكەن.

مەزكۈر مۇھاكىمە يىغىنىدا يەنە، ئۇيغۇرلاردىن باشقا تىبەت،موڭغۇل قاتارلىق خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان مىللەت ھەم دىن ۋەكىللىرىمۇ قاتنىشىپ ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇھاكىمىگە قويغان. مەزكۈر مۇھاكىمە ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ يەكشەنبە ئاخىرلىشىدۇ.