2008.10.29

گەرچە، ھازىر مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندىنىڭ ئارىمىزدىن ئايرىلغىنىغا ئىككى يىل بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ خەلقىمىزگە مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن جەڭگىۋار، ياڭراق، مەنىلەرگە لىق تولغان كۈي – نەغمىلىرى خۇددى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ئۇيغۇر ئاسمىنىدا ياڭراپ، ئۇيغۇر خەلقىغە ئۈمىد،ئىشەنچ ۋە جاسارەت بەخش ئېتىپ كەلمەكتە.
مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىنىڭ ئىككى يىللىقى توشقان بۈگۈنكىدەك قايغۇلۇق كۈندە بارلىق تۇيغۇلىرىمىزغا ئورتاقلىشىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى،ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا، ئۇ ئۆزىنىڭ كۈرەش كۈسەن ئەپەندى ھەققىدىكى قايغۇسى ۋە يۈرەك سۆزلىرىنى ئىپادىلىدى. كۈرەش كۈسەن ئەپەندىنىڭ يارقىن ئىجادىيەتلىرىدىن بىرى بولغان رابىيە قادىر ناملىق ناخشا توغرىسىدا رابىيە قادىر خانىم ئۆز تەسىراتلىرى ھەققىدە توختالدى.
ئاخىرىدا رابىيە قادىر خانىم يەنە، مەرھۇمنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرى ۋە ھاياتىغا بولغان چەكسىز ھۆرمىتى ۋە قەلب ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ ئۆتتى.
مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندىنىڭ قىسقا، ئەمما ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزگەن قىممەتلىك ھاياتى ئۇيغۇر قەلبىدە ھەر دائىم چولپاندەك پارلاپ، ئۇنىڭ ئارمانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان مىڭلاپ كۈرەشجانلار ئىز بېسىپ كەلگۈسى!