2008.10.24
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇ، نورۋېگىيىلىك مۇخبىرلارنىڭ ئۆزىنى ئەپۇ قىلىشىنى ئۆتۈنگەن شۇنداقلا تىبەت ۋەزىيىتىنىڭ ئەھۋالىنى ھېس قىلىش ناھايىتى مۇھىم، دەپ قارىغانلىقىنى، شۇ تۈپەيلى تىبەت سەپىرىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
نورۋېگىيە كىشىلىك ھوقۇق سۆھبەت ئۆمىكىنىڭ تەركىپىدە 40 تەك سىياسەتچى، ئاممىۋى تەشكىلات پائالىيەتچىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر بار بولۇپ، سۆھبەت ئۆمىكى نورۋېگىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى، نورۋېگىيە قانۇن ۋە تىبابەتچىلىك جەمئىيىتى، سودا ئۇيۇشمىلىرى فېدېراتسىيىسى، كارخانىچىلار ئويۇشمىسى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. رەسمىي سۆھبەتنىڭ 30 ۋە 31 – ئۆكتەبىر كۈنلىرى بېيجىڭدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ھەر ئىككى تەرەپ سۆھبەتنىڭ كونكرېت مۇزاكىرە مەزمۇنىنى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن رايموند جوخانسېن مۇزاكىرە تېمىسىنىڭ ئىشچىلار ھوقۇقى، مەھبۇسلار ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىگە چېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نورۋېگىيە رافتو كىشىلىك ھوقۇقى مۇكاپاتى 2005 – يىلى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمغا بېرىلگەن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2007 – يىلى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنى رابىيە قادىرغا بەرمەسلىك توغرىسىدا نورۋېگىيە دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرغان. نورۋېگىيە 1997 – يىلدىن بېرى خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.