2008.10.21
بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئولىمپىك ئالدى كەينىدە ئولىمپىك بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلىپ مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى تۈرمىگە سولىغانلىقى ۋە بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ قاتنىشىشى ۋە مەخسۇس دوكلات بېرىشى بىلەن 19 – ئۆكتەبىر كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ سېندىيىگو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن ئىدى.
رابىيە خانىم بۇ نۆۋەتDavidson ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىلىرىگە قىزىقىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش ھەم بىر قاتار مۇھاكىمە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ.